لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن 3-قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى تۈركىيىنىڭ مەرسىن شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى جەريانىدا بۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر 32 شەھەرگە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. پائالىيەتچىلەر ھەر قايسىي شەھەرلەردە پۇقراۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيەلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلق تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئەزىمەت مۇھەممەت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، 3-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» دە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ۋە تۈرك خەلقىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى مەلۇمات بەردى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. ھالبۇكى، تارىخ، قانداشلىق، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى يىللاردا بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى كۆپلىگەن كىشىلەردە تەئەججۈپ پەيدا قىلغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن رايوندىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تۈرك خەلقىگە توغرا ۋە دەلىل-ئىسپاتلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاڭلىتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.

«شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، 3-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئۆتكەن ئىككى قېتىملىق سەپەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆلەملىك ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى، پائالىيەتنىڭ ئۇسلۇبى ۋە شەكلىنىڭ مۇنتىزىملاشقانلىقىنى ئېيتتى.
لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىنى تۈرك خەلقىگە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. ئۇلار تەشكىللىگەن «مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئەڭ چوڭ خەلق ھەرىكەتلىرىدىن بىرى قارالماقتا.
