دۈزجە شەھىرىدە يېڭى ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» غا كۆچەت تىكىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۈزجە شەھىرىدە يېڭى ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» توغرىسىدىكى خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
دۈزجە شەھىرىدە يېڭى ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» توغرىسىدىكى خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
haberturk.com

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە ‏‏6-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا دۈزجە شەھىرىدىكى سائەتچىگىل كوچىسى بويىغا يېڭى ياسالغان «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» غا كۆچەت تىكىلگەن. خەۋەردە دۈزجە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر باغچىغا خۇش پۇراق چاچىدىغان دەرەخلەرنى تىككەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن باغچىدىن دۈزجە شەھىرىگە خۇش پۇراقلار چېچىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ 1000 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ «ئاتا يۇرتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تۈركلەر ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگىمۇ قىزىقىدۇ. تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارىنى خاتىرىلەش، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق رىشتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇرۇن ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە قاھرامانماراش قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردىكى باغچە، كوچا ۋە مەكتەپلەرگە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ئوسمان باتۇر، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق ئىسىملارنى بەرگەن ئىدى.

31-مارت كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۈزجە شەھىرىدىكى بىر باغچىغا «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» نامى بېرىلگەن. بىز دۈزجە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى فارۇق ئۆزلۈ ئەپەندىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفوننى ئالمىدى.

بىز باغچىغا بېرىپ ئايلانغان دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇغۇچىسى ھىلال تەمۈر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ باغچىنى ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن دۈزجىدە شەرقىي تۈركىستان باغچىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى يېقىندا ئاڭلاپلا، كۆرۈپ باقاي دەپ بۈگۈن باغچىغا باردىم. دۈزجە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېنىدىكى كوچىدىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭسىڭىز ئاسار ئېرىقى بويىغا بارىسىز. ئۇ يەردىكى دۇكانلارنىڭ خوجايىنلىرىدىن سورىسام شەرقىي تۈركىستان باغچىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلار ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان باغچىسىنىڭ ياسالغانلىقىنى، ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. ‹شەرقىي تۈركىستان باغچىسى› ئاسار ئېرىقىنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە ئوڭ تەرەپتە ئىكەن. مەزكۇر باغچە يېڭى ياسالغان بولۇپ، باغچە ئېرىقنىڭ بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك بىر جايدا ئىكەن».

شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان شەخس ۋە يەر ئىسىملىرىنى تۈركىيەدىكى باغچە، كوچا، مەكتەپلەرگە قويۇش ئادىتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بارلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە شەھەر، كەنتلەرنىڭ باشلىقلىرى قايتا سايلاپ چىقىلغان ئىدى. سايلامدا سابىق سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈ ئەپەندى دۈزجە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان ئىدى. ئۇ، شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ باغچىنى ياساپ «شەرقىي تۈركىستان باغچىسى» نامىنى بەرگەن. ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر شەخسنىڭ ۋە تارىخىي يەرلەرنىڭ ئىسمىنى قويدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياكى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ نامىنى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا بەرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇرۇن تۈركىيە ئىستانبۇدىكى ساياھەت رايونى بولغان سۇلتانەخمەت مەيدانىدا بىر باغچىغا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى، بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن مەكتىپى، قەيسەرىدە بىر باغچىغا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى، يەنە بىر باغچىغا بولسا ئۈرۈمچى باغچىسى نامى بېرىلگەن ئىدى. بۇلاردىن سىرت تۈركىيە قاھرامانماراشتىكى بىر كوچىغا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوچىسى نامى، ئىزمىرنىڭ سالىھلى ناھىيەسىدە بىر كوچىغا ئوسمان باتۇر كوچىسى نامى بېرىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت