ۋېئام لېنا: «شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغان!»
2024.09.23
«شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى كوممۇنىستىك خىتاي ئىشغال قىلغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئۆزگەرتكەن!»
بۇ شىۋېتسىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى 21-سېنتەبىر شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا تەشكىللىگەن مۇستەملىكىچىلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە فاشىزمغا قارشى «خەلق مال ئەمەس!» تېمىسىدىكى چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ئىدى. نامايىش شىۋېتسىيەدىكى ئىراقلىق تەتقىقاتچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى، بۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ۋېئام لېنا خالىد جامالنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نۇتقى بىلەن باشلانغان.
بۇ نامايىشنى 40 دىن كۆپرەك تەشكىلات بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە نامايىشچىلارنىڭ سانى بەش مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ئەزالىرى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ نامايىشقا قاتناشقان. شۇنداقلا نامايىشچى قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار پۈتكۈل نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان چوڭ پىلاكاتلار بىلەن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى» نى كۆتۈرۈپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەختىنۇر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
نامايىشتا بۇ نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىم سۆزگە چىققان. ئۇ، سۆزىدە «بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغاندا دۇنيا سۈكۈت قىلدى. ئەمما، بۇ پەقەت شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى. ھازىر خىتاينىڭ تەسىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا!» دېگەن. ئۇ يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختاتسۇن! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!» دېگەن جاراڭلىق شوئار بىلەن نۇتقىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بەختىنۇر خانىم بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
ۋېئام لېنا شۇ كۈنكى نامايىشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر خانىمدىن كېيىن سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.
ۋېئام لېنا نۇتقىدا «شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى كوممۇنىستىك خىتاي ئىشغال قىلغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئۆزگەرتكەن. ئەمما مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ بەرگەن ئاپتونومىيەسى يالغان بولۇپ قەغەز يۈزىدىلا قالغان. ماۋ زېدۇڭنىڭ دەۋرىدە ئۇ يەردە مىڭلىغان ئالىم، زىيالىي ۋە ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر ‹مىللەتچىلىك› ۋە ياكى ھەر خىل قالپاقلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋېئام لېنا يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەريانى ۋە 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدە خىتاينىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن شى جىنپىڭ دەۋرىگىچە بولغان جەريانىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئەتراپلىق ئىزاھلانغان ئىكەن.
ئۇ، نامايىش كۈنىدىكى نۇتقىدا يەنە «بۇ ئازاب بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. شى جىنپىڭ 2013-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانىغا ئايلاندى» دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى سەبىيلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئائىلە جۇدالىقى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇش قاتارلىقلارنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «بىز ئىستېمال قىلىدىغان كىيىم-كېچەك، ماشىنا ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئاشۇ يەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن ياسالغان» دېگەن.
نامايىشتا پۈتكۈل نامايىشچى قوشۇن ئۇيغۇرلار توۋلىغان شوئارغا ئەگىشىپ، «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!»، «ئۇيغۇر بالىلارنى قۇتۇلدۇرايلى!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نەبىجان بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇمەجىت ۋە بىرلىك ئىجرائىيە رەئىسى مەمەتجانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە نامايىشچىلار سىتوكھولم ئىچىدە شوئار توۋلاپ ئالتە كىلومېتىر يۈرۈش قىلغان. نامايىش ھەققىدە سۆز قىلغان مەمەتجان ۋە ئابدۇمەجىتمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش جەريانىدا نورۋېگىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ شىۋېتسىيەدىكى مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سوئاللار سوراشقان.
نامايىشچىلار قوشۇنى شەھەر مەركىزىگە كەلگەندە، بىر تۈركۈم ساياھەتچى خىتايلار خىتايغا قارشى شوئارلار ۋە لاگېرلاردىكى تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، شۇنىڭدەك ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرغا يېقىن سوزۇلغان نامايىشچى قوشۇننى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشكەن ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا بارماقلىرىنى شىلتىپ ھەيۋە قىلغان. ئەمما نامايىشچىلار قوشۇنى يېنىدىكى ساقچىلار تېزدىن ئۇلارنى ئۇلارنى نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشتۇرغان.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىزچىل تۈردە ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ، بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى بۇ ھەقتە قارار ئالغانلىقى مەلۇم. ئەمما تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان قارار ۋە جازا تەدبىرلىرىنى ئېلىشى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئاممىۋى نامايىش پائالىيەتلىرى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.