«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» خاتىرىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.11.14
jumhuriyet-kuni-2024-nancy-pelosi-1

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-nancy-pelosi-2

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-tom-suozzi

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سوزى (Tom Suozzi) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-tom-suozzi-1

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سوزى (Tom Suozzi) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-tom-elfidar-eltebir

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-Kelley-Currie

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئاياللار مەسىلىلىرى بويىچە سابىق ۋەكىلى كېللىي كۇرىي(Kelley Currie) خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-7

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-4

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

jumhuriyet-kuni-2024-5

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 12-نويابىر، ۋاشىنگتون.

1933-ۋە 1944-يىللىرى ئوخشاش بولغان 12-نويابىر كۈنىدە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ شەرەپلىك سەھىپىلەرنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ بۇ ئىپتىخارلىق تارىخنى ئەسلەش ئىمكانىيىتى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى ھەر يىلى ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى (UAA) نىڭ كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىقىدا 2024-يىللىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ 12-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى بۇنىڭدىكى يېڭى بىر تەرەققىيات سۈپىتىدە ھەر ساھەنى شادلاندۇردى.

بۇ يىللىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» خاتىرىسى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا دۆلەت شېئىرى ۋە «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلاندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن زالغا سىغمىغانلار ئىشىكنىڭ تېشىغىچە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا نۆۋەتتىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار ۋە ئۆتىگەنلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرنىڭ قارشى ئېلىش نۇتقىدىن كېيىن يىغىن ئەھلىنىڭ ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدە تېخىمۇ تولۇقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن قىسقا فىلىم يالغۇز بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بىر خەلق بولغانلىقىدەك رېئاللىقنىمۇ جانلىق يوسۇندا نامايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. بولۇپمۇ 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن قالسىلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىردىنبىر مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قالغانلىقى، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس بايرىقى، ئاساسىي قانۇنى، پاسپورتى، شۇنىڭدەك مۇكەممەل دۆلەت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئىگە بولغانلىقى، ئىككىنچى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ بولسا بۇلاردىن باشقا مۇستەقىل ئارمىيەسى، كۆپ تىللىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۆزىگە خاس پۇل ۋە پوچتا ماركىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىندى. فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىملىرىنىڭ سايىسىدە توزۇپ تۈگىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ قىسقىغىنە تارىخىي مۇساپە ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە ئاساسىدا مۇستەقىل بىر دۆلەتنى بىمالال ئېلىپ ماڭالايدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمى «ئامېرىكا خەلقى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا بىزنىڭ سۆيگۈمىز ئۇلار بىلەن بىرگە. توماس جېففېرسون ۋە جورج ۋاشىنگتوننى ئامېرىكا خەلقى قانچىلىك ھۆرمەتلىسە بىزمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەيمىز» دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى نەنسى پېلوسى (Nancy Pelosi) خانىم شۇنچە جىددىي خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەن بولۇپ، يىغىن ئەھلى ئۇنى يۈكسەك ئېھتىرام بىلەن كۈتۈۋالدى. نەنسى پېلوسى خانىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى» كۈنى بىلەن كۆپچىلىكنى قۇتلۇقلاپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ قىسقا فىلىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر ئېسىل مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر مىللەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ھازىر مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىرغىن قىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بەزى ئەمەلىي قەدەملەرنى ئالدى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۈچ قانۇن لايىھەسىنى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە قامىۋېتىش ياكى «جىنايەتلىرىنى ئىقرار قىلىش» قا مەجبۇرلىشىدىن قەتئىينەزەر لاگېرلاردىكى بۇ كىشىلەر ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ئوخشاش پىكىر ئاساسىدا ئىش كۆرىدۇ. چۈنكى خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالسا ئۇ ھالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆز قىلىشتەك يېتەكچىلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

نەنسىي پېلوسى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دونالد ترامپ پىرېزىدېنت ۋاقتىدا «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G20) غا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيەگە بارغان. شى جىنپىڭنىڭمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلىدىغان نەنسىي پېلوسى خانىم يىغىندىن ئاۋۋال دونالد ترامپقا «شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە مىڭلاپ قامىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالسىڭىز» دېگەن. ئەتىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتتە دونالد ترامپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاشۇ تەرىقىدە ئوتتۇرىغا قويغاندا شى جىنپىڭ كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇرلار بۇ ئەسلىھەلەرنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامېرىكا تەۋەسىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن «دوستلىرى» مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇقتا ئەيىبلەپ كەلمەكتە. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا خەلقىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش بەكمۇ مۇھىم. بۇ جەھەتتە كرىست سمىس، جىم مەكگوۋېرن، ماركو رۇبىيو، جېف مېركېلېي قاتارلىقلار ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئورتاقلىقىنى جانلىق رەۋىشتە كۆرسىتىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا بايرىقىنىڭ مۇشۇ زېمىندىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئازادلىق ۋە ئادالەتكە سىمۋول بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ سۆزلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نەنسى پېلوسى خانىمغا تون كىيدۈرگەندە زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى بولغانلاردىن «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرىدىن كىرىستوفېر سىمىس بولۇپ، كۈتۈلمىگەن خىزمەت تۈپەيلىدىن پائالىيەتكە كېلەلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ باياناتىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پېرى توزى ئەپەندى ۋاكالىتەن ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. شۇڭا بىز ھەرقاچان سىلەر بىلەن بللە. بىز بىرلىكتە قىرغىنچىلىققا قارشى بۇ جاپالىق مۇساپىدە ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرسەك جەزمەن يېڭىپ چىقىمىز. جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن سۆزلەر يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشقا كۆرسىتىلگەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيۇ ئەپەندى خىزمەت جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن بىۋاسىتە پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئەلنىگار ئىلتەبىر ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوقۇپ ئۆتكەن باياناتتا ئۇمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى، «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرىدىن جېف مېركېلىي ئەپەندىمۇ سايلامدىن كېيىنكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى تۈپەيلىدىن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشالماي ئۆزىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى تود ستايىننى پائالىيەتكە ئەۋەتكەن باياناتنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەزى قەدەملەر ئېلىنغان بولسىمۇ، خىتاي تېخى پەيلىدىن يانغىنى يوق. شۇڭا يېڭى ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىم. بۇ ھال پائالىيەتتە ئالاھىدە سۆز قىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تام سۋازىنىڭ بايانلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلىپ بەرگەن ئالىملاردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شان روبېرتس ۋە ئېرىك شلۇسېل ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوخشاش مەۋقەدە بولغانلىقىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن سۆز نۆۋىتىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت سودىسىنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ۋەيران قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىش كۆرەلەيدىغانلىقىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىلا غۇلجىدا ئېلېكتىر چىراغلارنى يوللارغا ئورنىتىپ، ماروژنى يېگەچ كىنو كۆرگەنگە ئوخشاش ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىدە ياشىيالايدىغانلىقىنى، مەسئۇد سابىرى، ئەخمەتجان قاسىمى، گۈلەندەم ئابىستايغا ئوخشاش ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» نى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ تارىختىكى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، قىرغىنچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىقى» ھەققىدە ھېچكىممۇ كېسىپ بىرنەرسە دېيەلمىسىمۇ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تارىخنى ئۇنتۇلدۇرۇش يولىدىكى بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا دۇنيادىن تۈگەپ كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدىكى خاتىرىلىرىمۇ خىرەلىشىپ قالمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى «ئۆتمۈشنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىشى» شەكلىدە بىزگە تېخىمۇ كۆپ ھادىسىلەردىن خەۋەر بېرىدۇ.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھازىرقىدەك ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە ھەممەيلەن ئۈچۈن ئورتاق بىر مەسىلە بولغاندەك، بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كەڭ بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كېللېي كۇررىنىڭ سۆزلىرىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالدى. ئۇ خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى بىر يەڭدىن قول چىقىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىشقا تۆھپە قوشقان شاھىتلار، لاگېر تۇتقۇنلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات قاتارلىقلارمۇ بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، زور دۈشمەن تېخىمۇ زور شۇملۇقلارنى پىلان قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيۇل تاشتەك ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا «غەمگۇزار ئانا» ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەرھۇم سەنئەتكار كۈرەش كۈسەننىڭ «ئاتلاندۇق» ناملىق ناخشىسىنى خور شەكلىدە ئورۇنلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا باش ئەگمەس ئىرادىسىنى ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقىنى ئىپادىلىدى. ياش ناخشىچى خەيرىنىسا قىلىچ دۇتارنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا لاگېردىكى ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت مۇزىكا ئىشلىگەن مەرھۇم شائىر ئەھمەد زىيائىنىڭ «ئەل-يۇرت ئۈچۈن» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

ئۇيغۇر جامائىتى تەييارلاپ كەلگەن كۆپ خىل ئۇيغۇر تائاملىرى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر مەيدان جانلىق دەرس بولۇش بىلەن بىرگە، ھەممەيلەننىڭ ھاياجانلىق ھاردۇقىغا چوڭ دەرمان بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.