ئەركىن ئەكرەم: ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشقا تەييارلىنىشى كېرەك
2023.10.04
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە ھەم سىياسىي ھەم ھەربىي جەھەتتە بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ سۆزلەرنى 30-سېنتەبىر شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە ئېچىلغان «چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا ئېيتتى.
ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىنى سىياسىي ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن تەربىيەلەپ كۈچلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلار سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن چەتئەلدە گەۋدىلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى كېرەك. سىياسىي يول بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى ئىشلىشى كېرەك. ئەمما ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەيلى سىياسىي كۈچ بولسۇن مەيلى ھەربىي كۈچ بولسۇن ھەر ئىككىسى جەھەتتە تەييار ئەمەس. ھەربىي كۈچ دېگەندە ھامان ئۇيغۇرلارغا تېررورچى دېگەن قالپاقنى كىيدۈرىدۇ، يەنىلا ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە ھەم ھەربىي جەھەتتە ھەم سىياسىي جەھەتتە بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كېرەك» .
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى تەشكىللىگەن بۇ يىغىنغا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر» تېمىسىدا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە يېقىن كەلگۈسىدە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ سۈركىلىشىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا قارىتا چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەييار بولۇشى كېرەك، بۇنىڭغا قارىتا ھازىردىن باشلاپ بىر پىلان-لايىھە تۈزۈپ چىقىش كېرەك» .
يىغىندا «چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئەركىن ئالىپتېكىن» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئۆمەر قۇل، چەتئەلدىكى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى» نى، بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى چەتئەللەردە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، خۇسۇسەن ياۋروپادا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى» نى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ بىر تەرەپتىن لوبىيچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شۇنداقلا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى دېگەندەك مۇھىم تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ غەربتە ئورۇن ئېلىشىغا يول ئاچقان مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ غەربتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى ۋە بۇ دەۋانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغۇچىلار يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم: «ئەگەر تەيۋەن بىلەن خىتاي ئۇرۇش قىلغان ئەھۋالدا شەرقىي تۈركسىتانغا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ » دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىمغا قوماندانلىق قىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسى گېنېرالى دوگلاس ماكئارتۇر (Douglas MacArthur) ، ‹تەيۋەن چۆكمىگەن بىر ئۇرۇش پاراخوتىغا ئوخشايدۇ›، دېگەن. يەنى ئامېرىكا بۇ يەرنى خىتايغا ھېچ قاچان بەرمەيدۇ، ئەمما كۈچى ئاجىزلىشىپ، خىتايغا قارشى ھېچ قانداق بىر ئىش قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالسا بەلكىم تاشلاپ بېرىدۇ، ئەمما نورمال ئەھۋالدا بەرمەيدۇ. ئەگەر خىتاي تەيۋەننى ئېلىشنى خالىسا بۇنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار، دېڭىزدىن مۇھاسىرىگە ئېلىش، دېڭىز ئاستىدىكى لىنىيەلىرىنى كېسىش ۋە سىرتتىن كىرىشنى توسۇش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن تۇيۇقسىز ئالالايدۇ، بىراق ئامېرىكا بۇلارنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا رايونىدا ھاۋا ئارمىيەسىنى تەييارلىدى، فىلىپپىننىڭ تەيۋەنگە يېقىن تەرىپىدىن 9 دانە ھەربىي بازىسىنى ئىجارىگە ئالدى، ئۇ يەردە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى دېڭىز كونتروللۇقى ئامېرىكانىڭ ئىلىكىدە بولۇپ، مۇشۇلار بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇۋاتىدۇ، ئامېرىكانىڭ مەقسىتىنى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇرۇشنى توسۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر فىلىپپىن ۋە ياكى ۋىيېتنام خىتاي بىلەن دېڭىز چېگرا ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قالسا ئامېرىكا ھازىر ئۇكرائىنانى قوللىغانغا ئوخشاش ئۇلارنى قوللايدۇ» .
ئەركىن ئەكرەم تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن ئۇرۇش قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ۋە ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارغا زەربە بېرەلەيدىغان راكېتالارنى ياساۋاتىدۇ، ئامېرىكانىڭ كىچىك بىر ھەربىي قىسمى تەيۋەنگە ئورۇنلاشتى ۋە تەيۋەن ئەسكەرلىرىگە ھەربىي مەشىق ئۆگىتىۋاتىدۇ، تەيۋەنلىكلەر ئامېرىكاغا بېرىپ ھەربىي مەشىق ئۆگىنىۋاتىدۇ، زامانىۋى تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن قوراللىنىۋاتىدۇ، تەيۋەن بۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئۈچ كۈن بولسىمۇ مۇداپىئەلىنىپ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ھالغا كېلىۋاتىدۇ، ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، فىلىپپىن، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ» .
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەزىيەتكە قارىتا تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق يېقىن بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش چىقىش ئېھتىمالدىن يىراق، شۇنداقتىمۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى، ئۇرۇش چىقىش ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ كۆپ ساندا ئەسكەرلىرى بار، بىڭتۈەن نامىدىكى پۇقراچە كىيىنگەن ئەسكەرلىرى مەۋجۇت، بۇ كۈچكە قارشى بىزنىڭ كۈچىمىز بارمۇ؟ سىياسىي كۈچ بىلەن ئېلىش ئېھتىماللىقى بولامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلار سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن چەتئەلدە گەۋدىلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى كېرەك. سىياسىي يول بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى ئىشلىشى كېرەك» .
مەزكۇر يىغىننى ئىستانبۇلدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغانلىقنىڭ 74 يىللىقىنى ئەيىبلەش نامايىشلىرى ۋە ھەر خىل پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنىدى.