2-مارت شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، بابىئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى، ئىستانبۇل ئەسەنلەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم يىغىن ھەم مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانىلىرىدىن بىرى بولغان «رامى» كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
كۆرگەزمىگە، خىتاينىڭ زۇلۇملىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سۈرەتلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئەتلىرى، ئەتلەس، كۆڭلەك ۋە دوپپا قاتارلىق مىللىي كىيىملىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى، يېمەكلىكلىرىدىن ساڭزا، پېچىنە، نان ۋە باشقىلار قويۇلدى.

كۆرگەزمە جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش دېگەن نامدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ مۇھاكىمە يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، ئىستانبۇل يېتىملەر ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى مۇرات يىلماز قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا توختالدى.
بىز نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۆزىنى كامال دېمىر دەپ تونۇشتۇرغان كىشى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلىمەن، دۇنيانىڭ بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن، بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىن مەسىلىسى دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىقلار زالىم خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتىدۇ، ئۇلارنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارغىمۇ ئىگە چىقىشىمىز لازىم، جانابىي ئاللاھ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا نېسىپ قىلسۇن، ئۇلارغا دۇئا قىلايلى، ئۇلارنى ئۇنتۇمايلى ۋە ئۇنتۇلدۇرمايلى!».

بىز يەنە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان بابىئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى مەسئۇلى يۈسۈپ مۇغەيىر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسلام ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىشكە تىرىشىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇش ئۇلارنى قوللاش شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانلارغا، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋە تۈرك خەلقىگە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئاڭلىتىش بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردۇق».
يۈسۈپ مۇغەيىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆز تىلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارغا دۇئا قىلىمىز، ئۇلارمۇ ئاللاھقا دۇئا قىلسۇن، كۈچلۈك بولسۇن، ئاللاھ ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئونۇتمىسۇن، بىر كۈنى چوقۇم ئاللانىڭ ياردىمى كېلىدۇ».
كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئابدۇسەمئىددىن ئىسىملىك تۈرك ياش ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئەسلى تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادا خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇلار ئەسلىدە ئۆز زېمىنىدا مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن خەلق ئىدى. خىتاي ئۇ يەردىكى ئىنسانلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ مەدەنىيەتلىرىنى يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، مىللىي جەھەتتىن ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچ قانداق پەرق يوق، ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، دۇنيا كۈنتەرتىپى ئۆزگىرىدۇ ۋە خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇ قېرىنداشلىرىمىز ھۆرلۈككە چىقىپ راھەتلىنىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ».
كۆرگەزمە جەريانىدا يەنە قازاقىستانلىق ياش ناخشىچى رۇستەمنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پارچە ناخشا تەقدىم قىلىندى.
