ئىلى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى شاۋكەت ئابدۇللانىڭ 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى بۇنىڭدىن ئىككى يىلچە بۇرۇن ئۇنىڭ نورۋېگيەدىكى ئىنىسى پەرھات ئابدۇللا ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ۋە بۇ ئۇچۇر نورۋېگەيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دىن ئورۇن ئالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى غۇلجا شەھىرىدىكى ئالاقىدار خادىملار تەرىپىدىن دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە، شاۋكەت ئابدۇللاغا 4 خىل ئاتالمىش «جىنايەت» ئارتىلىپ، 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن
«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا خاتىرىلىشىچە، شاۋكەت ئابدۇللا 1988-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ 1993-يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، ئىلى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 25 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق بىر قاتار قوشۇمچە ۋەزىپەلەرنىمۇ ئۇتۇقلۇق ئۆتەپ كەلگەن. مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپ كېلىۋاتقان شاۋكەت ئابدۇللا 2018 -يىلى يازلىق تەتىلدە بىردىنلا «جىنايەت گۇماندارى» غا ئايلانغان ۋە ئاتالمىىش «ئۆگىنىش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۆيىدىن كېچىدە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرلۈپ تۇتۇپ كېتىلگەن شاۋكەت ئابدۇللانىڭ نەدە «تەربىيە» لىنىۋاتقانلىقىنى غۇلجادىكى ئالاقىدار ئورگانلاردىن بىلەلمىگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تاكى ئۈرۈمچىگە قەدەر بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇچۇر ئالالمىغان. پەقەت 2019-يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئىنىسى پەرھات ئابدۇللا خىتاي ئۈلكىلىرىدە ياشۋاتقان تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق ئاكىسىغا بىرقانچە تۈرلۈك ئاتالمىش «جىنايەت» ئارتىلىپ، 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىزاكىي ئۇچۇر ئالغان.
ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى شاۋكەت ئابدۇللا ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
يېقىندا غۇلجا ۋەزىىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شاۋكەت ئابدۇللا مائارىپ ساھەسىدىكى كەسپىي نەتىجىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى ئاكتىپچانلىقى، بولۇپمۇ تەشكىلاتچى مىجەز-خاراكتېرى بىلەنمۇ جەمىيەتتە كەڭ تونۇلغان؛ ئۇنىڭ يۇرت ئەھلىنى سۆيۈندۈرگەن بۇ ئالاھىدىلىكى ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ، بىر مەزگىل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسدا مەمۇرىي خادىم سۈپىتىدە خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ مائارىپ خىزمىتىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ئالاقىدار خىتاي رەھبەر ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ دىتىغا ياقمىغان ۋە بۇ ئورۇندىن مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قايتۇرۇلغان.
غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىدىن ئىلگىرى بۇ ئىدارىدە خىزمەت قىلغان شاۋكەت ئابدۇللا ئىسىملىك بىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئىشخانىدا پۈتۈنلەي خىتاي خادىملار ئىشلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئىنكاسىدا شاۋكەت ئابدۇللانىڭ مائارىپ ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، مائارىپ خىراجىتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى تەقسىم قىلىش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مەنپەئەتنى قوغداپ بىرقانچە قېتىم تەنقىدىي پىكىر بايان قىلغانلىقىنى، لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا ئۇنىڭ دەل ئەنە قىلمىشى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكە يېڭىدىن ئورۇنلاشقان ياشلار ئىكەنلىكى، شاۋكەت ئابدۇللاغا ئوخشاش ياشتا چوڭلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭغا شاۋكەت ئابدۇللانىڭ ئوتتۇرا ياش كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مائارىپ ساھەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا شاۋكەت ئابدۇللا دەپ بىرسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالىمىزغىمۇ جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئىنكاس قىلىنىشىچە، خىزمەت جەرياندىكى مىللىي كۆز قارىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان شاۋكەت ئابدۇللا لاگېرغا سولانغاندىن كېيىن، 20 يىل ئاۋۋالقى ئاتالمىش «خاتالىقلىرى» دىنمۇ ھېساپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ 1997-يىلى غۇلجادا داۋام قىلغان مەشرەپ پائالىيىتىدە ئادەتتىكى بىر ئەزا بولۇپ ئورۇن ئېلىشى ئۇنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بولۇپ خاتىرىلەنگەن. ئىلى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ بىر خادىمى شاۋكەت ئابدۇللانىڭ دېلوسىنىڭ سەزگۈر دېلولار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىق ھالدا ئېتىراپ قىلدى.
ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، شاۋكەت ئابدۇللانىڭ نورۋېگىيەدىكى ئىنىسى شاۋكەت ئابدۇللاغا ئۆي سېتىۋېلىشى ئۈچۈن پۇل ئەۋەتىشى ئاتالمىش تېرورچىلارغا ياردەم بېرىش» دەپ سانالغان. بۇ ئاتالمىش «جىنايەت» ھەققىدە شاۋكەت ئابدۇللانىڭ نورۋېگىيەدىكى ئىنىسى پەرھات ئابدۇللا بىزگە مەلۇمات بەردى.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، لاگېردىكى بارلىق تۇتقۇنلارغا ئوخشاشلا، شاۋكەت ئابدۇللاغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سوراقتا ئۇنىڭدىن مۇمكىن قەدەر كۆپ خاتالىق تېپىش، ئۇنىڭغا مۇمكىن قەدەر ئېغىر جىنايەت ئارتىش ۋە ئۇنى مۇمكىن قەدەر ئېغىز جازالاش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان. شۇڭا ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى بىر ئىنىسى بىلەن تېلېفوندامەلۇم بىر كىتاپ ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىشىمۇ «بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى» دەپ سانالغان. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى، شاۋكەت ئابدۇللانىڭ تېلېفوندىن ئاتالمىش «چاتاق چىققانلىقى» نى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىنكاستىكى مەزكۇر ئۇچۇرنىڭمۇ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
ئىنكاستا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، سوراقچىلار جازانى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن «جىنايەتنىڭ يېڭىسى يەڭگىللىك قىلىپ قالسا، كونىسىنى قېتىش» تەدبىرى قوللىنىلغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئىقتىسادىي جازاسىنى تۆلەپ بولغان ئاتالمىش «پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشىمۇ ئۇنىڭ «تۆتىنچى تۈرلۈك جىنايىتى» سۈپىتىدە سوراق دەپتىرىگە يېزىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش 4 جىنايىتىگە جەمئىي 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
تېلېفونىمىزنى ئاخىرىدا قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئالاقىدار خادىم 25 يىللىق كېسىلگەن شاۋكەت ئابدۇللانىڭ قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇنىڭ ئىلى پداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە «شاۋكەت ئابدۇللانىڭ 25 يىللىق كېسىلگەنلىكى توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋابەن: «شۇنداق، توغرا» دەپ جاۋاپ بېرىش ئارقىلىق شاۋكەت ئابدۇللا ھەققىدە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا خاتىرىلەنگەن بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.