شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ئېراسى: توپلىنىۋاتقان كىرىزىسلار ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ھالاكىتى

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىلى 16-ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپ ھالدا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك رەئىس بولۇپ سايلىنىشى مۇقىملىشىپ قېلىۋاتقاندا، بۇ يېڭى دەۋرنىڭ بىر قاتار كىرىزىسلەرگە ھامىلدار بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي ۋە دۇنيا ئۈچۈن زور بىر ئاپەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ 40 يىل ئەتراپىدا سىياسىي ھەركەتلەردىن خالاس بولالمىغان خىتاينىڭ مالىمانچىلىق ۋە نامراتلىقتىن ھالسىراپ قالغان ۋەزىيەتتىن يېڭى باش كۆتۈرگەن سىىياسىي كۈچكە ئايلىنىشى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتكە چۈشۈشى، بۇنىڭ بىلەن زادى قايسى بىرىنىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇشى لازىملىقى بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى تېخىمۇ ئ‍ۇلغايتتى. بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك دۇنيانىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ھاكىممۇتلەقلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن ئەركىن دېموكراتىيە ۋە بازار ئىقتىسادىنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دۇنياۋى تەرتىپكە رەھبەرلىك قىلىش مەسىلىسى بولدى.

مانا مۇشۇ خىل دۇنياۋى زور تاللاش مەسىلىسى ئايدىڭلىشىپ قېلىۋاتقاندا شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك رەئىسلىككە تەييارلىق كۆرۈشى ماھىيەتتە ئۇنىڭ «شەرق كۆتۈرىلىۋاتىدۇ، غەرب بولسا چۆكۈۋاتىدۇ» دېگەن قارىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر قەدەم، دەپ قارىلىشقا باشلىماقتا. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئاقىللار مەركەزلىرىدىن «ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دېكستېر روبېرتس (Dexter Roberts)نىڭ قارىشىچە، مانا مۇشۇ خىل ئىككى زور كۈچنىڭ رىقابىتىنى ئاساس قىلغان رىئاللىق نۆۋەتتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ چوڭ ھادىسە بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت جەزمەن ئۇزۇنغا داۋام قىلماي ھالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي دۆلىتىنى 2020-يىلىنىڭ نېرىسىغا بارماي ھالاك بولىدۇ، دېگەن قاراشلار ھازىرغىچە ئىسپاتلانماي، ئەكسىچە خىتاينىڭ تېخىمۇ «كۈچلىنىپ كېتىشى» ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى خۇلاسىلەپ، خىتاينىڭ ھوقۇق يۈكسەك مەركەزلەشكەن ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، توختاۋسىز سىياسىي ھەركەتلەر جەريانىدا «يادرولۇق رەھبىرىي كادىرلار ۋە سادىق ئارمىيەنىڭ يېتىلىپ چىقىشى»، شۇنداقلا «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شۇم نىيىتىنى پاچاقلاپ تاشلاش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش كۆرۈشىنى «يوللۇق» ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشى قاتارلىق ئۈچ خىل سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بولۇپمۇ «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق نىيىتىنى بەربات قىلىش» تەك ھاكىمىيەتكە دەخلى-تەرۇز پەيدا قىلىدىغانلىكى بارلىق «خەۋپلىك كۈچلەرگە رەھىمسىز بولۇش» ئىدېئولوگىيەسى خىتاي دۆلىتىنى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» نىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان نەچچە ئون مىليون خىتاينىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئون يىللىق مالىماندا مىليونلارچە كىشىنىڭ خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈلىشى ۋە جازالىنىشى، «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تانكا بىلەن يەنچىپ تاشلىنىشىدەك كىرىزىسلاردىن توسقۇنسىز ئۆتۈپ كېتىشكە ھەمدە كەڭ-كۇشادە ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا مۇۋەپپەق قىلغان. نۆۋەتتە بولسا بۇ خىل «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى» ھەققىدىكى نەزىرىيەلەر خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشتا كەڭ قوللىنىلغان بولغاچقا بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولماقتا ئىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭ زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىۋاتقان «ئورتاق گۈللىنىش» ھەققىدىكى شوئار ماركىسىزىم ۋە كوڭزىچىلىق ئىدىيەلىرىنىڭ «جەۋھەر» لىرىنى يۇغۇرۇشتىن ھاسىل بولغان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئەۋزەل ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى» بىلەن سېلىشتۇرغان ھالدا تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا تەۋەسىدە ئەۋج ئالغان «قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىمۇ جان» ھەركىتى مەزگىلىدە «ئەكس ئەتكەن» ئىرقىي كەمسىتىش ھادىسىسى ۋە خىتايدىكى «ھەممە مىللەت باراۋەر» بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، تاجىسىمان ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئامېرىكا تەۋەسىدە ۋىرۇس يۇقۇمىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ بىر مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى ۋە خىتايدا مىليونلارچە ساندىكى ھاياتلىقنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەك دانا سىياسەتنىڭ سەۋەبىدىن ساقلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى مىساللار بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان.

ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان بىر زور كىرىزىس خىتايدىكى نوپۇس مەسىلىسىدە كۆرۈلىۋاتقان بولۇپ، «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى ئوبزور ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ ھال شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك رەئىسلىكى دۇچ كېلىدىغان خىتايدىكى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنىڭ تەسىرى نۆۋەتتە خىتايدىكى ياشلار بىلەن ياشىنىپ قالغانلار، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىدە ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىققا سەۋەب بولغان. بۇ بولسا خىتايدىكى كەلگۈسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە پېنسىيە سىستېمىسىغا ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىزچىل تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە ئىقتىسادقا رەھبەرلىك قىلىش» دېگەن ئەندىزىسى سەۋەبىدىن ھازىر تېخىمۇ ئېغىرلاشقا باشلىغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىنى بېسىپ كومپارتىيەنىڭ ئىقتىسادقا بولغان كونتروللۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ھازىرقى يەنە بىر ئېغىر كىرىزىسى ئىقتىساد ساھەسىدە بارغانسېرى زور سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىغان. تاجىسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان قامال قىلىشنىڭ ئىقتىسادنى ئېغىر دەرىجىدە ئاقسىتىپ قويۇشى، بانكىلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئىلاج قىلالماسلىقى ھەمدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ماتورى بولغان ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى خارابلىق بۇنىڭغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىملارنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان.

شى جىنپىڭ ھەققىدە سۆز بولغاندا ئاپتور نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە كۆرۈلگەن بىر تۈرلۈك خاتا تەسەۋۋۇرنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جوڭشۇن ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ ئىجرا قىلغان «سىياسىي تازىلاش» تا تارتىپ چىقىرىلغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ماۋ زېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ دېڭ شياۋپىڭ باشلىغان ئىسلاھاتنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە شېنجېن شەھرىنىڭ تۇنجى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولۇشىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. بۇ بولسا خىتايدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق قەدەملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. شۇڭا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى دادىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ خىتاينى بىر يېڭى ئىسلاھات دەۋرىگە ئېلىپ كىرىدۇ، دەپ ئىشىنىپ قالغان. ئەمما كېيىنكى رېئاللىق بۇنىڭ پەقەت بىر بىھۇدە ئارزۇدىن باشقا نەرسە بولمىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ كونسېرۋاتىپ رەھبەر بولۇپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە بىر قىسىم خىتاي ئانالىزچىلارنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئالغان ھالدا شى جىنپىڭنىڭ دادىسى ئۇچرىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كومۇنىسىت ۋە ئىنقىلابچى قىلىپ كۆرسىتىشنى تاللىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىلدىكى قاراش «ئىقتىسادشۇناس» خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىشلىگەن «شى جىنپىڭ كىمدۇر؟» سەرلەۋھىلىك فىلىمدە ئالاھىدە گەۋدىلنىدۇ.

«ئۇ تولىمۇ قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدە يۈز بەرگەنلىكىگە شاھىت بولغان. ئەمما ئ‍ۇ خىتايدىكى كىشىلەر كۆرەلەيدىغان بىردىن-بىر ئاخبارات ۋاستىسىدە تولىمۇ دانا، تولىمۇ مېھرىبان بىر شەخس سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇ خەلق ئاممىسىغا تولىمۇ ئىجابىي شەخس سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك شەپقەت ئىگىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما رېئاللىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى سەرخىللەرگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ جەھەتتە ماۋ زېدوڭمۇ خۇددى شۇنداق قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ تۈگەتكەن. چۈنكى ئۇ مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى نوپۇزىنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، دۈشمەنلىرىنىڭ يەر چىشلەپ قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ھازىر بولسا شى جىنپىڭ دەل مۇشۇنى تەكرارلاۋاتىدۇ. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا ئاشۇ خىل قالايمىقانچىلىق دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنىڭدەك ھوقۇقنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ھوقۇققا بولغان ھېرىسمەنلىكى بەك چوڭقۇر. ھوقۇق بولغاندىلا ھېچقانداق زىيانكەشلىك بولمايدۇ، دېگەنگە ئىشەنگەن. شۇنداق بولغاچقا بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. بۇ ھەقتىكى بەزى پىلانلىرىنى ئۇ رەئىسلىك ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئوخشىمىغان سورۇنلاردا تىلغا ئالغان. ھازىر بىز بۇلارنى كۆرۈۋاتىمىز.»

بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللار «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنڭ 2-ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان شى جىنپىڭ ھەققىدىكى ئوبزور ماقالىسىدىمۇ ئالاھىدە يەر ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۆمۈرلۈك رەئىس بولۇشنىڭ قازىنىنى ئېسىۋاتقان شى جىنپىڭ بالا ۋاقىتلىرىدا دادىسىنىڭ كەچمىشلىرىدىن ساۋاق ئېلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاينى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن، ھۆكۈمەت، سانائەت، يەر-زېمىن ۋە خەلق دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قوللۇق باشقۇرىشىدا بولىدىغان كونسېرۋاتىپ زامانغا قايتۇرماقتا ئىكەن. نۆۋەتتىكى «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» بولسا ماھىيەتتە شى جىنپىڭنى يېڭى زاماندىكى ئىمپېراتورغا ئايلاندۇرۇش، ھەممىگە پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەندىزىسىنىڭ مەنىۋى زېمىنىنى ياراتماقتا ئىكەن.

ئاپتور ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا شى جىنپىڭ دادىسىغا ئوخشاش «تازىلاش» تىن ساقلىنىش ياكى پارتىيەنىڭ ھالاكىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكىنى بازارغا سالغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «ئۆتكەن بىر ئەسىرلىك خورلۇق تارىخى»، ياۋروپا جاھانگىرلىرىنىڭ خىتاينى قانداق ئانىي تاپقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار كەڭ تارقىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان «قۇدرەتلىك داھى» ئىكەنلىكى مەركىزىي تېمىغا ئايلاندۇرۇلغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارغا بولغان نازارەتنى چىڭ تۇتقان. دەسلەپكى مەزگىللەردە كىشىلەرنى بىر-بىرىنى پايلاشقا سېلىپ قويغان بولسا كېيىنچە يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي نازارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ سالماقلىق خىزمەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشقا ئاشقان بولۇپ، بۇ جايدا تېرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنى «تەربىيەلەش» ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى سۇيۇلدۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئازغىنە زورلۇق ھەركەتلىرىنى باھانە قىلىپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا سەۋەپ تەييارلىماقچى بولغان. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خىلدىكى «ئەقلىي شەھەر مودېلى» دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىشقا باشلىغان. «ئىقتىسادشۇناس» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلىك فىلىمىدا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ.

«خېلى يىللار بۇرۇنلا كىشىلەر شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەر بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. 2007-يىلى خۇ جىنتاۋ سايلىنىپ چىققاندىلا، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ بولغان. چۈنكى ئۇ شۇ ۋاقىتتا سەھنىگە قاراپ ماڭغانلارنىڭ رەت تەرتىپىدە لى كېچياڭنىڭ ئالدىدا ماڭغان. چۈنكى بۇ ئىشلار سوۋېت دەۋرىدىكى ستالىننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇسلۇبىدا ئەكس ئەتكەن. بۇ ھال 2022-يىلىدىكى خىتايدا يەنە شۇ يوسۇندا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ قۇرۇپ چىققان ساقچىلار دۆلىتىدە ھەممە ئىش ئالىي رەھبەرنىڭ بىۋاستە كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ھېچقانداق يوچۇق ياكى خەۋپكە ئورۇن قالدۇرۇلمايدۇ. ئەنە شۇ يوسۇندا شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ پۈتكۈل خەلقنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان شەخس بولۇپ قالدى. يەنە بىر ياقتىن ئالساق شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى سۆز ئورامى ھەرقاچان قاتتىق بولۇشقا يۈزلەندى. شى جىنپىڭدىن بىخلانغان بۇ خىل ‹قاتتىق مەيدان تۇتۇش› ئۇدۇمى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ ئۇلار ھەدىسە خەلقئارا سورۇنلاردا قاتتىق-يىرىك ئىبارىلەرنى قوللىنىپ دۇنياغا ھەملە قىلىشقا خۇشتار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر شى جىنپىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىپ ئۇنى بېسىۋېلىشقا قادىر بولالىسا ئۇ تەبىئىي ھالدا 1949-يىلى ئاخىرلاشقان خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ساھىبى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ماۋ زېدوڭدىنمۇ ‹ئۇلۇغ شەخس› بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خىتاي تارىخىدا يەنە بىر ‹ئەبەدىي› شەخس بولۇپ قالىدۇ.»

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «شى جىنپىڭ باشقىلار بەرپا قىلىپ چىققان تەرتىپكە بويسۇنغان ھالدا ئىش كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇ خىتاينى ۋە دۇنيانى ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ماڭدۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىنتىلىشنىڭ ئۇتۇق قازىنىش-قازىنالماسلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسىنىڭ قانداق ئىش كۆرۈشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىساد ئىلمى ئوبزورچىسى مارتىن ۋولف (Martin Wolf) بولسا ئۆزىنىڭ 5-ئۆكتەبىردە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلغان بۇھەقتىكى ئوبزورىدا شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى قاتمۇ-قات كىرىزىسقا پاتۇرۇپ قويغان بىر شەخس سۈپىتىدە ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولۇشىنىڭ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۈچۈنمۇ بالاي-ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان خاتا قارار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. چۈنكى شى جىنپىڭ نۆۋەتتە ئۆزىدىنمۇ قابىلىيەتلىك بىر ئادەمنىڭ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ماۋ زېدوڭغا ئوخشاش مەڭگۈلۈك «ئېمپېراتور» بولۇشنى خالىغانلىقى ئۈچۈنلا داۋاملىق رەئىس بولۇشنى قارار قىلغان. خىتاي بۇ خىلدىكى «مەڭگۈلۈك پادىشاھلىق» نىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىشىنى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە بىر قېتىم باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا ئەمدى ئۇنى ئىككىنچى قېتىم باشتىن كەچۈرۈش تېخىمۇ چوڭ ئاپەتنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.