شى جىنپىڭنى چۈشەنگەنلەر: ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق ئارىسىدا
2023.06.12
ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدىكى مەركىزىي تېمىلارنىڭ بىرى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بولدى. دەرۋەقە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ قانداق بولۇشى دۇنيا ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھالەت ھېلىھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مەت پوتتىنجېر (Matt Pottinger) ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بېيجىڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جون پومفرېت (John Pomfret) 2023-يىلى 29-مارتتا ئامېرىكا سىياسىي ساھەسى ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭ خىتاينى ئۇرۇشقا تەييار قىلماقتا: دۇنيا بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىم» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى چۆرىدىگەن مۇنازىرىدە ئەكس ئەتتى.
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) دا 35 يىل خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ئىشلىگەن ئىستىخبارات ئانالىزچىسى جون كالۋېر (John K. Culver) ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بۇ ھەقتىكى رەددىيە ماقالىسىدە تەپسىلىي شەرھلىگەن ھەمدە 6-ئىيۇن «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. خۇددى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە مەت پوتتىنجېر ۋە جون پومفرېتمۇ ئوخشاش ژۇرنالدا ئۆزلىرىنىڭ رەددىيە ماقالىسىنى باراۋەر ئېلان قىلىپ، جون كالۋېرنىڭ قاراشلىرىنى رەت قىلغان. «شى جىنپىڭنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟» سەرلەۋھىلىك بۇ رەددىيە ماقالىلىرى توپلىمى ماھىيەتتە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ بىر قېتىملىق كۈچلۈك مۇنازىرىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
جون كالۋېرنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھەمدە ئەڭ زور ساندىكى ئارمىيەنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى سالاھىيىتىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي توقۇنۇشلار ئۈچۈن ئىتتىپاقداش ئىزدەش بىلەن بەند بولۇۋاتقان بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىپادىسى، خالاس. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى فېۋرالدىكى «ھەربىي سەپەرۋەرلىكنى ئاشۇرۇپ كۈرەشكە تەييار بولۇش» ھەققىدىكى سۆزىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس. بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جون كالۋېر سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش مەسىلىسىدە كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «مېنىڭچە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يادرولۇق مەسىلە مەن ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۆۋەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتلىشىش دولقۇنىغا قانداق شەكىلدە ئىشتىراك قىلىش مەسىلىسىدۇر. بىز بۇ مەسىلىگە ئۆتكەن بەش يىلدا ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلماي تۇرۇپ ئىشتىراك قىلىپ كەلدۇق. بۇ ھال بەلكىم ئۆتكەن ئەسىردىكى سوغۇق ئۇرۇش شەكلىدە ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالغان ئاساستا داۋام قىلىشى مۇمكىن. 1950-يىللاردا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك ئەۋجىگە چىقىپ ئاقىۋەتتە يادرو ئۇرۇشى كېلىپ چىقىدىغاندەك بىر ئېھتىماللىقنىڭ نامايان بولۇشىغىچە بېرىپ يەتكەنىدى. خىتاي بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتىمىز گەرچە بەكمۇ چوڭ بىر مەيدان رىقابەت مۇناسىۋىتى بولسىمۇ ئەمما بىز تېخى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئۇ دەرىجىدىكى يادرو قوراللار جىددىيلىكىگە بارغىنىمىز يوق. ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلار ھازىر بىر-بىرى بىلەن گەپلەشمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە بۇنى چەكلەش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان تەدبىرلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئۇرۇشنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش قىيىنغا چۈشىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، مېنىڭچە بۇ يەردە ئۇرۇشنىڭ خەتىرى مەۋجۇت، ئەمما مەن بۇ ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى مۇمكىن، دەپ قارىمايمەن. مەسىلە شۇ يەردىكى يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇۋاتقان ئىككى دۆلەت ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقاندا ئۇرۇشنىڭ خەتىرىنى 10 پىرسەنت دەپ مۆلچەرلەشمۇ مېنىڭچە بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ».
جون كالۋېر ئۆز ماقالىسىدە مەت پوتتىنجېرنىڭ «(ھەربىي ساھەدىكى) بۇ تەرەققىياتلارنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىغا بىرنەرسە دېيىشكە ھازىر تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. توقۇنۇشمۇ ئېنىق ياكى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا ئەمەس» دېگەن قاراشلىرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تېخى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە قارار ئالغىنى يوق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شى جىنپىڭدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشقا تەييار بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالىشىغا قارىتا ھېچقانچە ئىشەنچ يوق. يەنە كېلىپ تەيۋەن مەسىلىسى ئىزچىل شى جىنپىڭ ئۈچۈن بىر چوڭ كرىزىس بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يۈرىكىدىكى ئىدىيە تەيۋەن كرىزىسىنى پۇرسەت، دەپ بىلىش ئەمەس، ئەكسىچە بۇ كىرىزىستىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىشقا مەركەزلەشكەن. چۈنكى تەيۋەن مەسىلىسى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىش ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى بالاغا تىقىدىغان بىر ئاپەت بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ نۇقتىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما مەسىلىنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك يۈزى شۇكى، ناۋادا مەيلى تەيۋەن ياكى ئامېرىكا بولسۇن ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى دەپ كېلىۋاتقان تەيۋەن ھەققىدىكى «قىزىل سىزىق» تىن ئۆتۈپلا كەتسە باشقا يولى قالمىغان شى جىنپىڭ ئۇرۇش يولىنى تاللىشى ئېنىق.
جون كالۋېرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا ھەربىي ساھەگە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ ھەر يىلقى ھەربىي خىراجەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى 15 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇپ ماڭغان. ئەمما 2009-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ توختاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي خىراجىتى يېرىم سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ئەكسىچە خىتاينىڭ ساقچى سىستېمىسى ۋە باشقا بىخەتەرلىك ساھەسىگە ئاجراتقان خىراجىتى ھەربىي خىراجەتتىن ئېشىپ كەتكەن. گەرچە بۇ ھال خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان ھەربىي تەھدىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھالىتىدە ئۆسكىنى يوق.
ئۆزىنىڭ رەددىيە ماقالىسىدە جون كالۋېر ھەممىدىن بەكرەك تەكىتلىگەن بىر ئەھۋال شۇ بولغانكى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ياتلار ئەمەس، ئەكسىچە شى جىنپىڭ ھەممىدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ شى جىنپىڭ 2012-يىلىدىن تارتىپ ھەربىي ساھەگە قارىتا ئىزچىل «تەييارلىق» ھەققىدە سۆز قىلىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ جەۋھىرى «جەڭ قىلالايدىغان ھەمدە جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش كۈچلۈك ئارمىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى» دېگەنگە مەركەزلەشكەن. جون كالۋېرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئىدىيەسى ماھىيەتتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تېخى بۇ سەۋىيەگە يەتمىگەنلىكىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان بىر تۈرلۈك «يوليورۇق». 1979-يىلىدىكى ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن بۇيان بىرەر قېتىم مۇنتىزىم ئۇرۇش كۆرۈپ باقمىغان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «جەڭ قىلىشى ۋە غەلىبە قىلىشى» غا ئىشەنچى بولمىغانلىقتىن شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن بۇيان مىنىستىر دەرىجىلىك ئىككى نەپەر ئالىي قومانداننى تۈرمىگە تاشلىغان، نەچچە مىڭلىغان ھەربىي ئەمەلدارنى «پارىخورلۇق» جىنايىتى بىلەن «ئەدەبلىگەن». ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي سىياسىي ئانالىزچى چېن پوكوڭ ئۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقى پەقەت 50 پىرسەنت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدىدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى 50 پىرسەنت. قالغان 50 پىرسەنتى بەلكىم سوغۇق ئۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تەييارلىق مەسىلىسىگە كەلسەك مېنىڭچە ھەر ئىككى تەرەپ بۇنداق بىر ئۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ بولالمىدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قارا نىيىتى ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولدى. شى جىنپىڭنىڭ قارا نىيىتىمۇ تەييارلىنىپ بولدى. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شى جىنپىڭ ھەممىلا رايونغا قاراملىق بىلەن بېشىنى تىقىپ بېقىشى مۇمكىن. ئۇ گەرچە مۇكەممەللەشكەن بولمىسىمۇ يەنىلا بىر تۈرلۈك ئەسەبىيلىك تۈسىنى ئالغان قارا نىيەتتۇر. چۈنكى ھازىر شى جىنپىڭ ھەربىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈشتىن باشقا، ئاشلىق ئىمپورتىنى توختىتىپ خىتاينىڭ ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ غايەت زور كۆلەمدىكى ئاشلىق توپلاش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشنىڭ تەييارلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭغا يەنە باشقا بىر تالاي ئىشلارنى قوشۇشقا بولىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھى ئەقلى-ھۇشىنى يىغىۋالمىسىلا ئۇرۇشنىڭ پارتلاش ئېھتىماللىقى خېلىلا چوڭ. ئامېرىكا تەرەپتىن ئالساق ئۇلارمۇ ھازىر ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈۋاتىدۇ: ئامېرىكا ھازىر خىتاينى پۈتۈنلەي قورشاۋ شەكلىدە ئىسكەنجىگە ئېلىپ بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىلا ئەمەس، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ بۇ قورشاۋغا ئىشتىراك قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ھەم ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش پارتلاپ قالسا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىدۇر. ئەگەر بۇ ئۇرۇش پارتلىمىسا بۇنى ئىنسانىيەتنىڭ بەختى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما شۇ ھالدىمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى سەۋىيەگە قايتمايدۇ. ئەكسىچە كەم دېگەندىمۇ 50 پىرسەنت ئېھتىماللىق بۇنىڭ سوغۇق ئۇرۇش ھالىتىدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ».
«تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلى تەھرىراتى جون كالۋېرنىڭ رەددىيە ماقالىسىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن بۇنى مەت پوتتىنجېرغا ئەۋەتىپ بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭ پىكىرىنى سورىغان. مەت پوتتنجېر ۋە جون پومفرېت بىرلىكتە بۇنىڭغا قارشى رەددىيە ماقالىسى يېزىپ چىقىپ تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تەھرىر بۆلۈمى ھەر ئىككى رەددىيەنى 6-ئىيۇن كۈنى تەڭلا ئېلان قىلغان.
مەت پوتتېنجىر ۋە جون پومفرېتنىڭ رەددىيە ماقالىسىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر نۇقتا شى جىنپىڭنىڭ زادى ئۇرۇش ھەققىدە قارار ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنى ئۇرۇش ھەققىدە قارار ئالمىغان، دەپ قاراش سىياسەتۋازلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ناتوغرا پىكىر. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئامېرىكا، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە باشقىلارنىڭ ھەرقاچان «شى جىنپىڭ ئالىي رەھبەر سۈپىتىدە دەۋران سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە قارار ئالىدۇ» دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشى دانالىقتۇر. چۈنكى دىكتاتورلارنىڭ تاشقى دۇنيا ھەرقاچان «بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىشلارنى «پوسۇققىدە» قىلىپ سادىر قىلىپ قويۇشى تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن ھادىسە. شى جىنپىڭ كۆپ قېتىملاپ «ئەڭ قەدىردان دوستۇم» دەپ ئاتاپ كەلگەن ۋىلادىمىز پۇتىن ئۆز ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا نابۇت قىلىپ، ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ مەۋھۇم بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان. خۇددى شۇ ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇن سىياسەتچىلەر «پۇتىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. ناۋادا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلسا زىياننىڭ چوڭىنى تارتىپ، خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما بۇ ئۇرۇش يەنىلا يارتىلىغان.
ئاپتورلار ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كوللېكتىپ ھالدا خاتالاشقان، دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن «شى جىنپىڭ تەمسىللەردە ئېيتىلغاندەك ‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس› شەكلىدە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن بىز ئۇنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن تام سوقۇپ بولۇشىمىز لازىم» دېگەن ئىدىيەنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ مەت پوتتىنجېر ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن زىيارەتنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى مۇنازىرىلەر ۋە مۇھاكىمىلەر ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۈزۈل-كېسىل توغرا بولغان بىر خۇلاسىگە كېلىش ھازىرچە قىيىن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.