«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خىتايچە تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى خاتا سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى يوقىتىشنى «دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە» دەپ ئاتىغان.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىلىشىمچە، شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى قەتئىي تىلغا ئالمىدى. دېمەك، ھازىرقى ۋەزىيەت داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە، لاگېرلار سىناق تەرىقىسىدە تاقىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە ئۇيغۇر زېمىنىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت تۈپ سىياسەت يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگەرمەيدىغاندەك، ھېچ بولمىسا شى جىنپىڭ ھوقۇقتىن چۈشكىچە داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن باشلاپلا «خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنى تەلتۆكۈس تىنجىتىش» شوئارى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەن، بۇ دوكلاتتا دەل شۇ سىياسىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ ماختىغان ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شان روبېرتس ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەكرەك ئاپەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان سىياسەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان. بۇنى پەيدا قىلىشتا شى جىنپىڭنىڭ قولى بار. شى جىنپىڭنىڭ يەنە دەۋر سۈرسە، ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆرۈش تەس. مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا خىتايدىن ھېساب ئېلىش، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىشلارغا جاۋابكار قىلىش كېرەك، دەپ قاراپ كەلدىم. مەن يەنە شى جىنپىڭدا بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك ئالامەتلەرنى كۆرمىدىم، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىمەيدۇ ھەم ھېچكىم ئۇنى تەنقىدلىيەلمەيدۇ. ئۇ خەلقئاراغا قارىتىپ دېگەن گەپلىرىدە ئۆز سىىياسىتىنى تەشەببۇس قىلدى ھەم ئۇنى قوغداپ كەلدى. شۇڭا ئۇنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشى خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز دەپ ئويلايمەن».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتسا ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يېڭى شەكىل، يېڭى ئۇسۇل بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشى ۋەكىللىرى مۇزاكىرىسىدە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىش يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ توغرا بولغانلىقىنى ۋە ئۇنى قەتئىي ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
20-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارى لى ۋېيخۇا پىكىر بايان قىلىپ: «18-قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ‹مىڭلىغان ئادەمنى رەنجىتسىمۇ بىر مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق مەسئۇلىيىتى› بىلەن چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلدى، دېگەن. بۇ سۆز گەرچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن «نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلسە مەيلى، بىر ئۇنسۇرنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» دېگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىتاينىڭ ئەبەدىي مۇقىملىقىنى ساقلاش نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئاقتۇ ناھىيە بۇلۇڭكۆل يېزا پارتكوم سېكرىتارى لى ۋېنجۈەن شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلەنگەن «خىتايچە زامانىۋىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» سىياسىتىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «خىتايچە زامانىۋىلىشىش» شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئۇقۇم بولۇپ، قويۇق خىتاي مىللەتچىلىكى تۈسىنى ئالغان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ گاڭ بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېي بۇ يىغىننىڭ روھى بويىچە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، «ھەممە ئادەمدە خىتايچە قەلب ۋە خىتاي روھى» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
قۇرۇلتايغا قاتناشقان بۇ خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ 10 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان «داھىيانە سىياسەت» دەپ بىلگەن ۋە بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش كېرەك دەپ قارىغان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ۋەكىل ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭنى ماختاشقا كەلگەن «ساداقەتمەن قۇللار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خىتايچە تورىدا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ مۇستەبىتلىك توزىقىغا چۈشتى» ناملىق ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭ بۇ 10 يىلدا سىياسىي رەقىبلىرىنى يوقاتتى، خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سالىدىغان سىياسەتلەرنى ئېلىپ باردى، شىنجاڭ رايونىدىكى باستۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى، مۇسۇلمان خەلقنى لاگېرلارغا قامىدى، دىپلوماتىيەدە باشقا دۆلەتلەرنى چۆچۈتتى ۋە ئۇلارنى خىتايدىن يىراقلاشتۇردى».
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭدەك مۇستەبىت، دىكتاتورلارنىڭ دەۋرىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، خىتاينى بەلكىم ئۇرۇش ۋە ھالاكەتكە سۆرەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد تۇغۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.