شىۋېتسارىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ۋە توپلانغان ئىمزالار پارلامېنتقا تاپشۇرۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.08
shiwetsariye-namayish-toplanghan-imza.jpg خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كېيىن توپلانغان 23 مىڭ ئىمزا پارلامېنتقا تاپشۇرۇلغان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 7-سېنتەبىر، بېرن، شىۋېتسارىيە.
Photo: RFA

شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ۋە توپلانغان 23 مىڭ ئىمزا پارلامېنتقا تاپشۇرۇلغان.

«شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرىن شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى»، «كامپاخ» ناملىق تەشكىلات ۋە «شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە بۇ تەشكىلاتلار ئايلاردىن بۇيان يولغا قويغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەپ، توپلانغان 23 مىڭ ئىمزانى شىۋېتسارىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرغان. «شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئاندىلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى يولغا قويغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۋېتسارىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قوللىغان ۋە توپلانغان 23 مىڭ ئىمزانى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجابىي بىر قارار ئېلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەزكۇر ئىمزا پائالىيىتىنىڭ كىرىش سۆزىگە: «3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامالدى. شۋېتسارىيە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشى لازىم» دېگەنلەر يېزىلغان.

شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىبىبۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ نامايىشنىڭ بىرقىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى 60 تىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن» جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى «ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايمۇ بار ئىكەن. بۇ يىل خىتاي بىلەن بولغان مەزكۇر كېلىشىمنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەن. بۇ مەسىلە شىۋېتسارىيەدىكى بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار « كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىمنى ئىمزالاش تۈپتىن خاتا» دېگەن. بولۇپمۇ، شىۋېتسارىيەگە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ياكى تىبەتلىكنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۋېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بولسا ھازىرغا قەدەر بىرمۇ ئۇيغۇر ياكى تىبەتلىكنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.