شىۋېتسارىيەدىكى «تىبەتكە نەزەر» ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرماقتا
2024.09.09
شىۋېيتسارىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «تىبەتكە نەزەر» ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تونۇشتۇرۇلماقتا. ھەر پەسىلدە بىر چىقىدىغان، «تىبەتكە نەزەر» يەنى «تىبەت فوكۇس» ژۇرنىلى تەسىس قىلىنغانلىقىغا 40 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ژۇرنال بۇرۇن تىبەت ۋە تىبەت مەدەنىيىتى ھەققىدە ماقالە، خەۋەرلەرنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولسا، 2023-يىلىدىن باشلاپ شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» نامىدا مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت سىستېمىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي، جۇغراپىيەسىنىمۇ تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى بەتتىنا ئېكەر خانىم بىزگە بۇ ژۇرنالنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ژۇرنىلىمىزنىڭ 5 مىڭغا يېقىن مۇقىم مۇشتەرىسى بار، تىبەت ئاياللار تەشكىلاتى، تىبەت ياشلار تەشكىلاتى ۋە تىبەت دوستلىرىنىڭ تىبەت ۋە تىبەت مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالىلىرىنى ئېلان قىلاتتۇق. 2023-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىمۇ تونۇشتۇرۇۋاتىمىز.»
بۇ ژۇرنالدا «ئۇيغۇرغا نەزەر» سەھىپىسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان كۆپ كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئۇ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ھەر قايسى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ژۇرنال دەسلەپتە 2008-يىلغىچە «تىبەت ئاكتۇۋال» نامىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ «تىبەتكە نەزەر» نامىدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ ژۇرنالنىڭ مۇقىم مۇشتەرىلىرىنىڭ كۆپى شىۋېيتسارىيەلىك يەرلىك خەلقلەر ۋە گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تىبەتكە ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىگە دىققەت قىلىدىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ.
بەتتىنا ئېكەر خانىم يەنە بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرغا نەزەر سەھىپىسىنىڭ ئېچىلىشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى؛
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «2023-يىلىدىن باشلاپ، ‹تىبەتكە نەزەر› تەھرىر گۇرۇپپىسى بىلەن شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق تەرەققىي قىلدى، ‹ئۇيغۇرغا نەزەر› سەھىپىسىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ماقالىلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالى توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى مۇشتەرىلىرىمىزنىڭ تاپشۇرۇۋالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشالمىز. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ. بىز بۇ ژۇرنىلىمىز ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە ئاۋاز بېرەلىگەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمىز»
بەتتىنا ئېكەر خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى جەريانىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ۋە بىرلەشمە نامايىشلار ئارقىلىق، كۆپ ئۇيغۇر بىلەن تونۇشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇر جامائىتى بىزگە ھەمىشە ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ» دەپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى؛
«ئۇيغۇر جامائىتى بىزگە ھەمىشە نۇرغۇن ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى مەن بىلىدىغان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بەختسىز ۋەزىيەتكە قارىماي، تۇرمۇشقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى يوقاتمايدۇ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىنتايىن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. جۈملىدىن مەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە قەيسەرلىكىگە قايىل».
گېرمانچە نەشر قىلىنىدىغان «تىبەتكە نەزەر» ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئاجراتقاندىن بۇيان بۇ ژۇرنالدا ھازىرغىچە، «شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت سىستېمىسى، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى، غۇلجا قىرغىنچىلىقى، يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى رېئاللىق» دېگەن تېمىلاردا مەخسۇس ماقالە، ئوبزورلار ئېلان قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە شىۋېيتسارىيە خەلقى ۋە گېرمان تىللىق رايونلاردىكى مۇشتەرىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ كەلدى.