ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئالدى بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش پروگراممىسىنىڭ روھىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى 18-ئاپرېل باشلانغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپانىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن مادرىد ۋە بارسېلونادا بىر ھەپتە پائالىيەت ئېلىپ بارغانىدى. ئۇلار ئىسپانىيەدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 23-ئاپرېل شىۋېتسىيەگە يېتىپ كېلىپ، پايتەخت سىتوكھولمدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى باشلىغان.

بۈگۈن 25-ئاپرېل شىۋېتسىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى شىۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش قانۇنى ماقۇللىتىش ھەمدە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇش خىزمىتىنى يېڭىدىن باشلاش ئىكەن.

د ئۇ ق شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئاپرېل.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىتوكھولمدا بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى داۋامىدا، ئۇلار شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ھەرقايسى پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش، شىۋېتسىيەدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەچەكتە بىرگە ئېلىپ بارىدىغان پروگراممىلارنى مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇلار سىتوكھولمدا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا قارىتا 3 كۈن داۋام قىلىدىغان دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرىدىن دەرس بېرىش كۇرسى ئۆتكۈزىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ پائالىيەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، بۇنىڭ نورۋېگىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىگە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەست´ئۇللىرىدىن بەختىنۇر خانىممۇ ھەمراھ بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇلار بۈگۈن ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى بىلەن 3 قېتىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان.

د ئۇ ق شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى ئاپرېل.

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر جەريانىدا يەنە جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە قەلبىنۇر سىدىقلارنىڭ ئىشتىراكىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن. سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە قەلبىنۇر سىدىقلار 25-ئاپرېلدىكى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇچرىشىشلاردا د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە بولغان. لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا شىۋېتسىيەدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.