29-ماي كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ يەرۋا رايونىدا يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان «يەرۋا ھەپتىلىكى» پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىمۇ قاتناشقان. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى پائالىيەت مەيدانىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئالدىغا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان مىللىي بۇيۇملار ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تىزغان بولۇپ، بۇ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ خادىملىرى بەختنۇر، نىجات، كۈندۈزئاي ۋە قۇربانجان قاتارلىقلار قاتناشقان.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدىن قۇربانجان بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، «بۇ پائالىيەتنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى رەئىسى بەختىنۇر خانىم، ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيەتلىك تەرىپى شۇكى، بىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ نۇرغۇن سىياسەتچىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىۋاتقان سىياسەتچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق» دېدى.
«يەرۋا ھەپتىلىكى» شىۋېتسىيەدە يىلدا بىر بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى بىر گەۋدىلەشكەن پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى، ياۋروپا پارلامېنتىغا ئەزا بولىدىغان نامزاتلارنىڭ سايلىمىغا توغرا كەلگەن. بەختىنۇر خانىم، بۇ پائالىيەتتە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان.

31-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام رىقابىتىدە، ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن «سولچىلار پارتىيەسى» نىڭ باشلىقى يوناس سژۆستەدنىڭ مۇنازىرىسىگە قېتىلغان، شۇنداقلا بەختىنۇر خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان.
بەختىنۇر خانىم، يوناس سژۆستەدنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىمۇ سۆز قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەختىنۇر خانىم سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، شىۋېتسىيەنىڭ سابىق ئىستاتىستىكا مىنىستىرى، ماگدەلېنا ئاندېرسون خانىمنىڭ نۇتقىدىن كېيىن تەكلىپ بىلەن سۆز قىلغان شۇنىڭدەك يەنە، ماگدېلېنا ئاندېرسون خانىمغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس شارپىسىنى تەقدىم قىلغاندا پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم شىۋېتسىيەنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە سولچىلار پارتىيەسى قاتارلىق بۇرۇندىن ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقىدار بولغان پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە نامزاتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.