شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

29-ماي كۈنى شۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن توماس ھامماربىرگ ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا شۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، شۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە شۋېتسىيەدىكى «چارتا 2008» ناملىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، بىر تۈركۈم كىشىلەر قاتناشتى.

بۇ يىغىننى شىۋېتسىيەدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇۋاتقان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن توماس ھامماربېرگ (Thomas Hammarberg) ئەپەندى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە ۋە دانىيە مەسئۇلى مونىس موللاندېر (Måns Molander)، شىۋېتسىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى چارتا 2008 (Charta 2008)نىڭ مەسئۇلى شۇنىڭدەك يەنە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى سۆز قىلدى.

يىغىندا توماس ھامماربېرگ، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلاتتى، ئارقىدىن يىغىندا سۆزى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە ۋە دانىيە مەسئۇلى مونىس موللاندېر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس ئىشلىگەن قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، جازا لاگېرلىرىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكى، ئىچىدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە باشقا ئەھۋاللار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يەنە نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش قوشماق تۇغقانچىلىق نام ئاستىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كادىرلىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، كىچىك بالىلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگېرغا قامالغانلىقى سەۋەبىدىن يېتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتكەن.

يىغىن ئاخىرىدا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قانداق شەكىلدە يول تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يىغىن ئاخىرى سوئال-جاۋاب ۋە ئەركىن مۇنازىرە شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇنازىرە جەريانىدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا، خىتاي دائىرىلىرى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ ھەرتۈرلۈك زۇلۇملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاز ساندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۇرغۇنجان ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ۋە دوكلاتلار شۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.