5-ئىيۇل كۈنى شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن پايتەخت بېرندا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق نامايىش «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا شىۋېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. نامايىش جەريانىدا پايتەخت بېرندىكى شىۋېتسارىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى، پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى نامايىش مەيدانىغا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا دائىر سۈرەتلەر، شۇنداقلا خىتايغا قارشى شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلار تىزىلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش، شىۋېتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇنلا شىۋېتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتى بولغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزاسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مىللەت ۋەكىلى فابىئان موللىنا ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇندىن 14 يىل ئىلگىرى، ئۈرۈمچىدە تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. بىز بۈگۈن ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش ۋە خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق. بىز ئۇلارنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايمىز! بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار.»

فابىيان موللىنا ئەپەندى يەنە شىۋېتسارىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە خىتايغا بېسىم قىلىشى، شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى ۋە سودا كېلىشىملىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشى لازىملىقىنى؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدە قولى بولغان ئەمەلدارلىرىنى جازالاندۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىم بىلەن سىياسىي پائالىيەتچى ئەندىلى ئەپەندى ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارلامېنت ئەزاسى فابىئان موللىنا ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى تەقدىم قىلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىممۇ سۆز قىلىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، شىۋېتسارىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى سېلىنا موررېل خانىممۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«شىۋېتسارىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا پوزىتسىيەسى چوقۇم ئېنىق بولۇشى كېرەك. بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا چېتىشلىق شىركەت ۋە كىشىلەرنى جازالاش، بولۇپمۇ شىۋېتسارىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش خەۋپى بولغان شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. بىز شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە كونكرېت تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىمىز! »
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەھىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەندىلى قاراخانلى ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا كەسكىن بولۇشىنى ۋە بۇ ھەقتە كونكرېت چارىلەرنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ خەۋىرى شىۋىتسارىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيەسىدە بېرىلدى.
