شىۋېيتسارىيە مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

27-مارت كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇگ (Zug) ئىشتاتىدىكى ئىشتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىلدى. شۇنداقلا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» تېمىسىدىكى ئارخىپلاردا خاتىرىلەنگەن تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ پائالىيەتنى زۇگ ئىشتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت زۇگ ئىشتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىي ئوقۇتۇش يۇرتى بولغان ئىشتاتلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئەندىلى قاراخانلى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 27-مارت، زۇگ، شىۋېتسارىيە
ئەندىلى قاراخانلى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 27-مارت، زۇگ، شىۋېتسارىيە (RFA/Hebibulla)

بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان ئەندىلى قاراخانلى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپنىڭ ھەر خىل ساھەلەر ئۈچۈن نۇقتىلىق تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالىي مەكتەپلەردە داۋام قىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

پائالىيەتنىڭ دوكلات بېرىش باسقۇچىدا ئەندىلى قاراخانلى سۈرەتلىك ۋە سىنلىق دوكلات ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىققىدە تولغان زالدا ئالدى بىلەن چوڭ ئېكراندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» تېمىسىدىكى ئارخىپلاردا خاتىرىلەنگەن تۇتقۇنلار ھەققىدىكى سىن فىلىمى قويۇلدى. ئارقىدىن دەلىل-ئىسپاتلار ۋە رەسىملەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن «ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟ شەرقىي تۈركىستاننى بىلەمسىز؟ » دېگەن تېمىدا دوكلات سۇنۇلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن سۈرەتلەرگە ۋە دوكلاتقا بېرىلگەن جىددىي قىياپىتىدىن بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ قىزىقارلىق ۋە تەسىرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاش قىيىن ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلار زالغا تىزىلغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سۈرەتلىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ كىچىك ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.

ئەندىلى ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ، ھازىرقى ياشلارنىڭ بىر قىسمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىۋاسىتە شۇ مۇھىتتىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇچرىشىپ شۇ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن مەلۇمات ئېلىشنىڭ تەسىرى باشقىچە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەندىلى قاراخانلى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 27-مارت، زۇگ، شىۋېتسارىيە
ئەندىلى قاراخانلى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 27-مارت، زۇگ، شىۋېتسارىيە (RFA/Hebibulla)

بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان دوكلات سۇنۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارغا سوئال سوراش باسقۇچى باشلاندى. ئوقۇغۇچىلار ئەندىلى قاراخانلىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق قىلىدۇ؟ » ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئاسسىمىلياتسىيەدىن ھالقىپ، ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپتۇ. نېمە ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولمايدۇ؟ » ، «سىلەر ۋەتىنىڭلاردا قالغان تۇغقانلىرىڭلار بىلەن كۆرۈشەلەمسىلەر؟ » دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقان. ئۇلارنىڭ بەس-بەستە قىزغىنلىق بىلەن بۇنچە كۆپ سوئاللارنى سورىشىدىن ئۆز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىغان ئەندىلى بۇ ھەقتىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇ خىل پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ئالدى-كەينى بولۇپ كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى نامايان قىلغان. جۈملىدىن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ «سىياسىي تېمىلاردا ئېھتىياتچان بولۇش» تەك مەكتەپ سىياسىتىگە دەخلى قىلمىغان ھالدا بۇ پائالىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلانغان. شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە شىۋېيتسارىيە ياشلىرىغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ياشلارنىڭ ئادەتتە تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇشتا ياشلارنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ بۇ خىل پائالىيەتنى ئىككىنچى قېتىم تەشكىللىشى بولۇپ، بۇ پائالىيەت باشتىن-ئاخىر ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا ئاياغلاشتى. مەكتەپ تەرەپ گەرچە ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئاجىز كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ياشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.