خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى نۆۋەتلىك ئەمەلدار يېڭىلىشى دىققەت قوزغىدى
2021.10.19
خىتاي دائىرىلىرى 30-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ، 2015-يىلدىن بۇيان رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپانامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەركىن تۇنىيازنىڭ مۇۋەققەت رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، 18-ئۆكتەبىر كۈنى ۋە 19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى دائىرىلەر يەنە خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دائىمىي ھەيئەتلەرنى تەيىنلىگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلىك قاتلىمىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، خەينەن ئۆلكىسى خەيكو شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خې جوڭيونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا، شىئەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى يۈسۈپجان مەمەت بىلەن «خىتاي دۆلەتلىك ئاشلىق گۇرۇھى» ( يەنى «جوڭلىياڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» ) نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزات ئەخمەتجاننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيتئەتلىكىگە تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يۈسۈپجان مەمەت بىلەن ئىلزات ئەخمەتنىڭ قانداق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.
دائىرىلەرنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە يەنە 2020-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ھالبۇكى ۋاڭ جۈنجېڭ بولسا 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى «ياۋروپا بىرلىكى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى» سەۋەبلىك جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان ئەمەلدارلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەينى چاغدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىى ھەيئىتى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە جازا تەدبىرى ئېلان قىلىنغان تۆت ئەمەلدارنىڭ بىرى ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەمەلدار يېڭىلاش ھەرىكىتى دىققەت قوزغىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
تېڭ بىياۋ ئالدى بىلەن خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا سايلام تۈزۈمى يوق، خىتايدىكى ئەمەلدارلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيىنلىشى ئارقىلىق ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە سىياسىي مەقسەت چىقىش قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇ ئەمەلدار تەيىنلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىدى».
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس بەلكى خىتايدىكى 5 ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار قاتلىمىدا ئەمەلدار يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى كوللېكتىپ مۇستەبىتلىكىنى ئۆزىنىڭ شەخسى مۇستەبىتلىكىگە ئايلاندۇرۇشتىكى سىياسىي تەدبىرى ئىكەن.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن يېڭى نۆۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرچە بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى بىلمىسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 9 يىلدىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ شى جىنپىڭغا سادىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بۇ ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىدە يۇمشاش ۋەزىيىتىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان سىياسەت ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ياكى رەئىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس. شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر يامانلىشىپ چېكىگە يەتتى. ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى سىياسەت شى جىڭپىڭ ۋە سىياسىي بىيۇرودىكىلەر بۇ يەردىكى جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرى. بۇ يەردىكى سىياسەت ئۇلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى بۇ يەردىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ».
تېڭ بىياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنى يەنىلا رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بۇ رايوندىن ئېرىشمەكچى بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئاساسلىق ئامىل ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاسىيە خانىم دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويغان ئەمەلدارلىرىدىن، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرىتارىلىققا تەيىنلەنگەن خې جوڭيونىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ» ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى» دىكى نۇقتىلىق خادىملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ،
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خې جوڭيو، 2019-يىلى 12-ئايغىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ گۇاڭدۇڭدىكى مەزگىلىدە، نۆۋەتتىكى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، ئىلگىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولغان خۇ چۈنخۇا بىلەن بىرلىكتە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشىدا ئاساسلىق خىزمەتلەرنى قىلغان مەسئۇل خادىملىرىدىن بىرى ئىكەن.
ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى بىر قاتار سىياسەتلىرىنىڭ تارىخى نەتىجىسى.
ئاسىيە خانىم بۇ سىياسەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، 1994-يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان، «نامراتلىقنى تۈگىتىش سىياسىتى»، 1996-يىلى يولغا قويغان «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى»، ئىلگىرى يولغا قويغان «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ناملىق 3 چوڭ سىياسىتى ۋە 2010-يىلى يولغا قويۇلغان «19 ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى» قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.
ئاسىيە خانىم بايانىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇئاۋىن رەئىس بولغان مەزگىلىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە مائارىپ خىزمىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئەركىن تۇنىيازنىڭ بۇ مەزگىلدە «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلار ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىش ئىشلىرىدا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەتتا ب د ت دا ئېچىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاقلىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەركىن تۇنىياز، خې جوڭيو، يۈسۈپجان مەمەت، ئىلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۆھپە كۆرسەتكەن ھۆكۈمەت كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان سايلام ئارقىلىق، يەنى خەلقنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئاۋاز بېرىشى، تاللىشى بىلەن ھوقۇققا چىققانلار ئەمەس.