ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن «نۆۋەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولغان

0:00 / 0:00

12-نويابىر ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىللىق «ئېدېلستام مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشى ۋە «نۆۋەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولغان.

12-نويابىر ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىگە توغرىلىنىپ شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، «ئۇيغۇر فوندى» نىڭ ماددىي ياردىمى، «ئېدېلستام» فوندى جەمئىيىتى، خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوللاش جەمىيىتى، تىبەت كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 2020-يىللىق «ئېدېلستام مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشى ۋە «نۆۋەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى» ناملىق يىغىن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، تىبەتشۇناسلار، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى، دوكتورلىرى، مۇخبىرلار بولۇپ كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان.

يىغىندا شىۋېتسىيەدە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەڭچىلىرىنى مۇكاپاتلاپ كېلىۋاتقان «ئېدېلستام» فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2020-يىللىق مۇكاپات نامزاتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتايدىكى كۈنسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ھالىتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مئارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىغىنغا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ھەم دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلىپ نۇتۇقلار سۆزلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە ئەنگىلىيەدە ياشايدىغان خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى مۇتەخەسسىسى ئەنۋەر توختى قاتارلىقلارمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن. نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە بىزنى ئەتراپلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل 3-ئىيۇن شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ قازاقىستاندا تۇرۇپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش بىلەن تونۇلغان قازاق قىزى سايراگۈل ساۋۇتباي بۇ قېتىمقى يىغىن توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئىچكىي ئەزالارنى كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشلىرىنى خەلقئارادا مۇنبەرلەردە پاش قىلىپ كېلىۋاتقان ئورگان ئەتكەسچىلىكى مۇتىخەسسىسى، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەر ھەم جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ۋە قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر يىغىندا يەنە بەزى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە تىبەتلىكلەرمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىگە ۋە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىگە سېلىۋاتقان مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇملىرى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىشقان.