سىنان ئوغان: «مەن شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق  ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.05.01
sinan-oghan-saylam سىنان ئوغان 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە سايلام نۇتقى سۆزلەۋاتىدۇ
Wikipedia

تۈركىيە پرېزىدېنت  نامزاتلىرىدىن بىرى دوكتور  سىنان ئوغان 30-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان  NTV  دا  ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنى: «مەن شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئام ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشى» دەپ چۈشەندۈردى.

ئۇ، بۇ سۆزىنى  بۇرۇن قىلغان «شەرقىي  تۈركىستاندىكى زۇلۇم مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەندەك ئېغىر ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىدىن قوزغالغان قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا قارىتا ئېيتقانىدى.  سىنان ئوغان: «4 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ھەر يەرنى ئايلانغان،  شەرقىي تۈركىستانلىق كۆپ ساندا دوستى بار، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇپ كېلىۋاتقان كىشى مەن بولىمەن.  مېنىڭ <بابالا ت ۋ> دا دېگەنلىرىم شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق يوق مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ.  مەن شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئام ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھەر دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان، غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ھەر يىلى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بىر سىياسەتچىمەن. مەن قانداقمۇ ئۇ، يەردە مۇبالىغە قىلىنغاندەك قىرغىنچىلىق يوق دەيمەن؟» دەپ تەكىتلىدى.

 سىنان ئوغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 24-ئاپرېل كۈنى «بابالا تېلېۋىزىيەسى» دە سورالغان: «ئۇيغۇرلار ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ھەقتە خىتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىز بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمايسىز؟» دېگەن سوئالغا    خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، جاۋاب  بەرگەن. ئۇ: مۇنداق دېگەن: «مەن شەرقىي تۈركىستانغا بىر قانچە قېتىم باردىم. بىرىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھەيئىتى بىلەن باردىم. ئىككىنچى قېتىم ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ كۆپ يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم. بۇ زىيارەتلىرىم جەريانىدا ئىككى نەرسىنى ھېس قىلدىم. بىرىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم ۋە زۇلۇم بار. لېكىن بۇ  بېسىم مۇبالىغە قىلىنغاندەك دەرىجىدە  ئەمەس. ئىككىنچىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇم  نېمە ئۈچۈن كۆپتۈرۈلۈپ ئاڭلىتىلىدۇ؟ چۈنكى ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە  خىتاينىڭ نازۇك مەسىلىسى دەپ قارايدۇ.  بىز بۇ مەسىلىگە ئوبيېكتىپ  قارايلى. شەرقىي تۈركىستانلىق كۆپ ساندا دوستۇم بار. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىيونىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئۇ رادىيوغا ئاڭلاتماقچىمەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقايلى، لېكىن بۇنىڭغا ئامېرىكا، رۇسىيەدەك دۆلەتلەرنى ئارىلاشتۇرماي  تۇرۇپ ئىگە چىقايلى. مەن شۇنداق قىلىمەن».

سىنان ئوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ھەر تۈرلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرى داۋاملاشماقتا ئىدى. سىنان ئوغان شۇ سەۋەبتىن 30-ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىزاھات بەرگەنىدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنىلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا باغلاپ: «مەن ئەسلىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلمايلى دېمەكچى ئىدىم.  مەن شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن رەنجىدىم، مېنى خاتا چۈشىنىپ قالدى. مەن ھەرگىز ئۇنداق دېمەيمەن» دەپ تەكىتلىگەن.

 سىنان ئوغاننىڭ  بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرگە ئوخشاش  ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق  ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىشىنى قوللىماسلىق ئىدىيەسىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھاجېتتېپې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت نامزاتى دوكتور سىنان ئوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بايان قىلغان سەلبىي سۆزىگە گۇمان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئۇ تۈرك مىللەتچىسى، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا، ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر شەخستۇر.  نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر گەپنى دەپ سالدى؟ دېگەندە بىرىنچىسى، ئۇ، 2016-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيەتتىن تولۇق خەۋەردار ئەمەس. ئىككىنچىسى، تۈركىيەدىكى نۇرغۇن مىللەتچىلەر ئامېرىكانى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسا بۇنىڭدا بىر ئويۇن بار دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئامېرىكا ئارىلاشقاچقا بىر مۇبالىغە بار بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن».

ۋەھالەنكى،  سىنان ئوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى  زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەسى نامىدىن كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ  سىنان ئوغاننىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:  «سىنان ئوغان 2012-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ۋاقتىدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ سۆزلىگەن. 2012-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.  خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر مىللەتنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا سىنان ئوغاننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئەپسۇسلاندىم».

تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان   «بۈيۈك بىرلىك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي كېسەر ئەپەندى دوكتور سىنان ئوغاننىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېگەنلىرىنى تەنقىد  قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. سىنان ئوغان ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ نازۇك مەسىلىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇبالىغە قىلىۋاتقانلىقىنى دەپتۇ. بۇنداق دېمەسلىكى كېرەك ئىدى.  بۇ  خىتايغا كوزىر بولىدۇ. باشقا دۆلەتلەر توغرىسىنى دېسىمۇ خىتاي بۇنى كۆپتۈرۈۋاتىدۇ دېيىشى مۇمكىن.  دوكتور سىنان ئوغان بۇ گەپنى دەپ بولۇپ پۇشايمان بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقانلارنى مۇبالىغە دېگىلى بولمايدۇ».

  سىنان ئوغان 27-ئاپرېل  كۈنى بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا  تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ  ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دەپ يازغان: «بابالا تېلېۋىزىيەسىدە قىلغان سۆزۈمدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك دېدىم.  مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇم ۋە بۇ توغرىلىق بەزى خىزمەتلەرنىمۇ قىلدىم.  مەن ئۇزۇن يىل  ئىستراتېگىيە مەركەزلىرىدە ئىشلەش جەريانىدا شۇنى كۆردۈم، بەزىدە بۇ مەسىلە مۇبالىغە قىلىنىۋاتىدۇ. مەن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشتا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېزىلىشىنى خالىمايمەن. بىز ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى توختىتىشىمىز كېرەك دېگەن مەنىدە قىلغان سۆزلىرىم بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن بۇرمىلىنىۋاتىدۇ. مەن تۈنۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دېيىشكە باشلىمىدىم. مەن ياۋرو-ئاسياچى ئەمەس. مەن تۈرك مىللەتچىسى، تۇرانچىمەن. مەن ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ دەۋاسىنى قوللايمەن».

 دوكتور سىنان ئوغان 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغاندا كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان  شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغانىدى.  لېكىن كۆپ ساندىكى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان بۈگۈنكى كۈندە دوكتور سىنان ئوغاننىڭ دېگەنلىرى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە خەلقى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. ھازىرقى پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلى، مەملىكەت پارتىيەسى رەئىسى مۇھاررەم ئىنجە ۋە دوكتور سىنان ئوغان قاتارلىقلار  پرېزىدېنت نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىنغانىدى. سىنان ئوغان بۇلار ئارىسىدا  بىرەر پارتىيەنىڭ رەئىسى ياكى باشقا رەھبەرلىك  سالاھىيىتى يوق نامزات ئىدى. ئەگەردە يېڭى پرېزىدېنت مەيدانغا كەلسە ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش-ئەيىبلىمەسلىكى ۋە بۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش-بېكىتمەسلىكى  ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىغا ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.