شىنجاڭ سىيادان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ساھىبى ئابلىكىم قۇربان مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

قۇمۇلدىكى ياش كارخانىچى ئابلىكىم قۇربان، تىجارىتىنى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىن يېمەك-ئىچمەككە، قۇمۇل بازىرىدىن خەلقئارا بازارغا يۆتكىمەكچى بولغىنىدا، ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىق سودا ساھەسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق خەۋپ-خەتەرلەرنى ئويلاشقان، ئەمما «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلىپ كېتىشىنى تەخمىن قىلمىغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇ ئاچچىق ۋە كەسكىن بۇرۇلۇش 2017-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن. تۆۋەندە بۇ دىراماتىك بۇرۇلۇشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان پىروگرامما دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ئابلىكىم قۇربان 1978‏-يىلى قۇمۇلنىڭ تارانچى كۆمۈر كان رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كان ئىشچىلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. قارا كۈچكىلا تايانغان بۇ جاپالىق ۋە خەتەرلىك ئىشتىن ئۆزىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتۇلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئابلىكىم، 2000-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچكەن ۋە مەھەللىسىدە بىر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى فابرىكىسى قۇرۇپ، پىلاستىك ئىشىك ۋە دېرىزە ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. ئىشلەپچىقارغان ماللىرى دەسلەپكى بەش يىلدا قۇمۇل، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە بازار تاپقان. ئۇ قۇمۇلدىكى غوللۇق كارخانىچىلاردىن بىرىگە ئايلانغان.

15 يىللىق مۇساپىدىن كېيىن ئۆز قابىلىيىتىگە ئىشەنگەن ئابلىكىم قۇربان، 2015-يىلىغا كەلگەندە، تىجارىتىنىڭ ساھەسىنى يېمەك-ئىچمەككە، ئورنىنى ئۈرۈمچىگە، بازىرىنى خەلقئاراغا يۆتكىمەكچى بولغان. ئۇ بىر قاتار ئىزدىنىشلەردىن كېيىن، شىنجاڭ سىيادان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان. ئۇ بۇ پىلانىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، 2016‏-يىلى مىسىرغا بىر ھەپتىلىك زىيارەتكە بارغان. ئۇ مىسىردا سىيادان ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئورۇن ۋە شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا، ھەم تەرجىمانغا ئېھتىياجى ھەم يۇرتدارچىلىق نۇقتىسىدىن مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قۇمۇللۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەن؛ ئۇلار بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۆھبەتتە بولغان. مىسىردىن ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەن ئابلىكىم قۇربان 2017 ‏-يىلى 4 ‏-ئايدا 3 يىلدىن بېرى پىلانلاۋاتقان شىركىتىنى رەسمىي قۇرغان ۋە مىسىردىن سىيادان كاپسۇلى ئېلىپ كىرىپ تىجارەت باشلىغان. شىركەت قۇرۇلۇپ، 4 ئايدىن كېيىن دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى بوسۇغىدا پەيدا بولغان. 7 ‏-ئاينىڭ 8 ‏-كۈنى شىركەتتىن ئەكېتىلگەن ئابلىكىم قۇرباننىڭ ئىز-دېرىكىنى خېرىدارلىرىمۇ، قۇمۇل تارانچى كۆمۈر كانىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئالالمىغان، ھەتتا ھېچكىم ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

قۇمۇل تارانچى كۆمۈر كاندىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئابلىكىم قۇرباننىڭ مۇددەتسىز قاماقتا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كېسىلىشىگە بىر چەت ئەل سەپىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچىخانا خادىمى، ئابلىكىم قۇرباننىڭ كېسىلىشىگە مىسىر سەپىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىمنىڭ مىسىر سەپىرىدە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يۇرتداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى «تېررورچىلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» دەپ قارالغان.

خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى مىسىردا ئوقۇۋاتقان زور تۈركۈمدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن. بۇ قايتۇرۇپ ئەكېتىشكە مىسىر دائىرىلىرى، جۈملىدىن مىسىر ساقچىلىرى يېقىندىن ھەمكارلاشقان. بۇ قىلمىشى ئۈچۈن بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان مىسىر دائىرىلىرى ئەينى چاغدا ئۆزىنى ئاقلاپ پىكىر بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مىسىردا خىتايغا قارشى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى بارلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.

تارانچى كۆمۈر كاندىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئابلىكىم قۇربان ئوي-خىيالى ئىش-تىجارەت ۋە ئائىلىگە مەركەزلەشكەن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي ۋەزىيەت ۋە پائالىيەتلەرگە قىزىقىشىمۇ ۋە ۋاقتىمۇ بولمىغان؛ ئەمما 2017 ‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن تۇرمۇش ۋە ئىش كويىدىكى بۇ ياش كارخانىچىنى چەتتە قويمىغان. ئۇنىڭ چوڭراق بىر كارخانىچى بولۇش غايىسى، ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى باياشات بىر تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئارزۇسى 7 كۈنلۈك مىسىر سەپىرى سەۋەبلىك نابۇت بولغان. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىم قۇربان تۇتۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن ئايالى گۈلشەن توختىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان؛ ئۇلارنىڭ 3 پەرزەنتى مومىسىنىڭ بېقىشىغا قېپقالغان. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئاھالىنىڭ يەنە دېيىشىچە، گۈلشەن توختى ئۆتكەن يىلى ‏8-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئارىلىقتىكى 6 يىل ۋاقتىنى تۈرمىدە ياكى لاگېردا ئۆتكۈزگەنلىكى، نېمە دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.