ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىر بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، 19-قۇرۇلتاي ئېچىلغان كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىنى جىددىي بىر ئەنسىزچىلىك قاپلىغانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئالاقزادىلىك ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى، بەزى ئاھالىلەرنىڭ تۇرۇۋاتقان مەھەللىسىدىن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان قورۇسىدىن سىرتقا چىقماسلىققا بۇيرۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا 20 دىن ئارتۇق ساقچىخانا خادىمىدىن ھېچبىرى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئۈركۈپ ياكى چېچىلىپ قايتۇرغان جاۋاپلىرى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارنىڭمۇ ئالاقزادە كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن پاراكەندىچىلىكنىڭ ئۈستىگە 19-قۇرۇلتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قېتىلىپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە ئادەتتىن تاشقىرى بىر جىددىيچىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. شەھەرلەردە بەزى ئاھالىلەر كومىتېتى ئاھالىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تىجارەتتىن باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە يول قويمىغان. خىزمەت ئورنىدىن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىش، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سىرتقا چىقماسلىقىنى بۇيرۇغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، بەزى مۇقىم ئىش ئورنى بولمىغان ئاھالىلەر كۈنبويى ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق ۋە ئۆيىگە زىيارەتچى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. بەزى ئاھالىلەر قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقۇچە يىراق-يېقىن تېلېفون ئالاقىسىنىمۇ توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاھالىلەر قوشنىسىنى 5 مىنۇتتىن ئارتۇق زىيارەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ساقچىنى خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىدى. رادىيومىزغا كەلگەن بۈگۈنكى ئىنكاستا دېيىلىشىچە، يېزىلاردا ئاھالىلەر پەسىل خاراكتېرى بولمىغان ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆپىنچە ساقچى خادىملىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمىدى. بەزى ساقچىلار 19-قۇرۇلتاي ھەققىدىكى سوئالىمىزدىن ئۈركىدى، بەزىلىرى بولسا گاڭگىرىدى. بەزى ساقچىلار، ئۆزلىرىنىڭ 19-قۇرۇلتاي ياكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئېغىز ئېچىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى يوشۇرمىدى. يەنە بەزى ساقچىلار سەۋەپسىز ھالدا چېچىلىش ۋە قايناش ئارقىلىق ئۆزلىرىدىكى ئالاقزادە كەيپىياتنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە «ئۈچنى چىقارماسلىق» يەنى «چوڭ ئىش چىقارماسلىق، ئوتتۇراھال ئىشمۇ چىقارماسلىق، ھەتتا كىچىك ئىشمۇ چىقارماسلىق» تىن ئىبارەت يېڭى بىر شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بەزى يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ كېچىلەردە ساقچىخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، «ئۈچنى چىقارماسلىق» ھەققىدە خىزمەت مەلۇماتى ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ساقچىلارغا قۇرۇلتاي روھىدىن دوكلات بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.