دوكتور ئاسپىرانت تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى: «دادام بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا يېرىم»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى يىغىۋېلىش لاگېرىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى(سولدا) ۋە چىققان ۋاقتىدىكى(ئوڭدا) سۈرىتى. 2019-يىلى مارت.
ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى يىغىۋېلىش لاگېرىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى(سولدا) ۋە چىققان ۋاقتىدىكى(ئوڭدا) سۈرىتى. 2019-يىلى مارت.
Tahir Mutellip teminligen

قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

دەسلەپتە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن تاھىر مۇتەللىپ ئاخىرى ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشتا ياردەم سورىغان ئىدى.

ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 4 ئايدىن كېيىن، يەنى 3-ئاينىڭ 1‏-كۈنى، 17 ئايدىن بېرى ئالاقىسى ئۈزۈلگەن دادىسى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈشكە مۇۋاپپەق بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت