2017-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر (14)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئىككى مەشھۇر ئالىمى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى مۇھىم قوللىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

2017-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنىڭ يەنە بىرى-تونۇلغان رەسسام غازى ئەمەت بىلەن ئاتاقلىق تىلچى مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولۇشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ بىلەن ژۇرنالىست ئاكىف ئەمرەدىن ئايرىلىپ قېلىشى بولدى.

ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەمەت 84 يېشىدا ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسىم سەنئىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، بۇ ساھەدىكى يېتەكچى ئۇستاز غازى ئەمەت ئەپەندى 2017-يىل 26-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 84 يېشىدا ۋاپات بولدى. غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى. غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتى خىتاي ئىچى سىرتىدىكى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھالار بېرىلدى.

رەسسام غازى ئەمەت 1933-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيىسىنى قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، 1951-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1954-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1957-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

غازى ئەمەتنىڭ خەلقئاراغا تونۇلغان مەشھۇر ماي بوياق رەسىملىرىدىن «مۇقام» ۋە مەخمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقلارنىڭ پورترېتلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «ئۈزۈم پىشتى»، «ئاماننىساخان»، «مۇزىكا مەستانىلىرى»، «ئوغلاق تارتىشىش»، «سەنەم»، «ئاتۇش ئۇسسۇلى»، «دولان رۇمى»، «كۈچ سىنىشىش»، «مۇقامچىلار» قاتارلىق ماي بوياق ئەسەرلىرى بار.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىدىن «سون سۆز» (ئاخىرقى سۆز) گېزىتىنىڭ 29-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىدىن يەھيا ئاقسوي ئەپەندى «مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مەرھۇم غازى ئەمەت ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام، جان-جىگەر دوستۇم غازى ئەمەت بىزدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى دۇنيا سەنئەت تارىخىدىن ئورۇن ئالدى.»

غازى ئەمەتنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ياۋروپادا ماي بوياق رەسىملىرى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغان مەرۋايىت ھاپىز خانىم ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ماتەم بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسىم سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئاتاقلىق تىلچى مىرسۇلتان ئوسمانوف ئالەمدىن ئۆتتى

ئاتاقلىق تىلچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە دىئالېكتلىرى تەتقىقاتىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچى، چاغاتاي تۈركىي تىلى تەتقىقاتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىم شۇنداقلا تۈركولوگىيە ساھەسىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى تەربىيەلىگەن ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدە 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدىكى بىلىم ئادەملىرىنى، تۈركولوگلارنى ماتەمگە چۆمدۈردى.

مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمانوف ھاياتىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر دىئالېكتلىرى ۋە چاغاتاي تۈركىي تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئالىم. ئۇ نەشرگە تەييارلىغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى، ئوپالدا مەخمۇت قەشقەرى مەقبەرىسىنىڭ تېپىلىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى» قاتارلىق ئەمگەكلىرى ئۇنى ئۇيغۇر تىلى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم سۈپىتىدە تونۇتقان. مىرسۇلتان ئوسمانوف كۆپ قېتىم تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمىي دوكلاتلار بەرگەن. 2004-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى توغرىسىدا» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

2013-يىلى تۈركىيەدە ئۇنىڭ تىل تەتقىقاتى ۋە تۈركولوگىيە ئىلمىگە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال بېرىلگەن. 2015-يىلى 18-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈرگەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركولوگلار ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تۈركولوگىيىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرى ئارىسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئابلەت سەمەت، شائىر تاھىر ھامۇت، ھەسەنجان ئابدۇۋاھىت، ئەزىز ئەيسا قاتارلىقلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ھازا سۈرەتلىرى، تەزىيەنامىلەر ۋە ئەسلىمىلەر قاپلىدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن مەشھۇر شائىر بوغدا ئابدۇللا، شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت، تىلشۇناس غەيرەت ئابدۇراخمان قۇرغار، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئەسەت سۇلايمان قاتارلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دوستى ئېللىئوت سپېرلىڭ ۋاپات بولدى

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللىيوت سپېرلىڭ 2017-يىلى 29-يانۋار نيۇيوركتىكى ئۆيىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.

پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ ھەققىدە يېزىلغان تەزىيەنامىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىدە ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ كىملىكى ۋە ھايات مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ تونۇلغان تىبەتشۇناس ئالىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتلىرىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئىكەنلىكى تەرىپلىنىپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىغا بولغان چوڭقۇر قايغۇ ئىپادىلەندى.

ئۇ، 2012-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىغا كېلىپ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرگە ئوقۇش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ئەڭ زور ياردەمدە بولغان. ئۇ يەنە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى سەپداشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئېغىر قايغۇغا سالدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، «ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى» دىن ئەنۋەرجان ئەپەندى، ماري ھولزمان خانىم، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇلار بايانىدا ئېللىيوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەڭ مۇھىم بىر قوللىغۇچىسىدىن ئايرىدى، دېيىشتى.

2008-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خۇ جيا تۋىتتېرغا يوللىغان تەزىيىسىدە «پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ ۋاپاتى مېنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇرنى ۋە ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ بېيجىڭدىكى دوستلىرىنى ئېغىر قايغۇغا سالدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە ئىلھام توختى ئائىلىسىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى،» دەپ يازغان.

ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەلىك ژۇرنالىست ئاكىف ئەمرە ۋاپات بولدى

تۈركىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى، «يېڭى شەفەق» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى ئاكىف ئەمرە 2017-يىلى 23-ماي كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەرھۇمنىڭ ئايالى دۇردانە ئەمرە خانىمغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈرگەن. ئاكىف ئەمرە 1984-يىلى پاكىستانغا ئېكسكۇرسىيىگە بارغاندا پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ قالغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

ئۇ ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىللىق ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 100 پارچىدىن كۆپ ئوبزور يازغان ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن. ئۇ، «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغاندىن بۇيان، گېزىتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ، ماقالىلىرىدە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك، ئىسلام ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن.

«ئۇيغۇرنېت» تور گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ھامىد گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكىف ئەمرە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ مەرھۇم ئاكىف ئەمرە ئەپەندىنى 33 يىلدىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ گېزىت ۋە تېلېۋىزىيىدە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن زامانلىرىدا داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوبزور ۋە خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.