ئۈرۈمچىدىكى خىتاي خادىم: «90-يىللاردا تۇرمۇشىمىز نامرات ئىدى، ئەمما ئەركىن ئىدۇق»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.01.31
oylida-bayraq-chiqirish-salihjan.JPG ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن، سالىھجان ھويلىسىدا بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، چۆچەك.
RFA/Qutluq

ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا «نامرات ياشىسىمۇ ئەركىن ئىكەنلىكىنى» نى بىلدۈردى. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ۋەزىيەت پەيدا قىلغان ۋەھىمىنىڭ بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خىتاي ئاھالىسىگىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر رايونىدا بۇلتۇردىن بۇيان «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ئىلگىرىكى يىللاردىن ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى نىشان قىلغان ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپىيىۋاتقان ۋە مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر دىيارى «ساقچىلار دۆلىتى»، «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مەزگىلدە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم يۇغۇرى دەرىجىلىك خىتاي ئىختىساسلىق خادىملىرى ۋە پۇلدار خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

رادىئومىز ئۇيغۇر رايونىدىن ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆزىنى ئۈرۈمچىدىكى «شەرق-غەرپ ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزى» نىڭ خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان بىر خىتاي خادىمدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي-ئۆلكە شەھەرلىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ شىركەت ئاچقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان خىتايلارغا قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دەسلەپ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت شىركىتىمىزدە بىر مەمۇرىي خادىم، شۇڭا شىنجاڭغا كېلىپ سودا قىلىۋاتقانلارنىڭ بۇ جاينىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قانداق تەسىراتتا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. چۈنكى سىز سورىغان مەسىلىلەر تاقىلىدىغان دائىرىمۇ بىرقەدەر كەڭ ئىكەن، شۇڭا بۇ مەسىلىلەرگە يەنىلا بۇ يەردە سودا قىلىۋاتقان ۋە شىركەت ئاچقانلار ئە بۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي-سىياسىي ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرى جاۋاب بەرسۇن.»

ئەمما بۇ خىتاي خادىم ئۆزىنىڭ شەخسى سالاھىيىتى بىلەن بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى «قاتتىق بولۇپ كەتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمە-سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلمىسىلا يەنىلا نورمال ياشاش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم، ھازىر رايوندا ھەقىقەتەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىن كۈچەيتىلدى. رايوننىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىمۇ بىرقەدەر تۇراقلىق. ھۆكۈمەت بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولمىسىلا يەنىلا نورمال تورغا چىقالايمىز، تۇرمۇشىمىزمۇ نورمال كېتىۋاتىدۇ. بىزمۇ بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلەرگە كۆنۈپ قالدۇق. مەن كىچىكىمدىن بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە چوڭ بولدۇم. مېنىڭچە ھازىر ھەقىقەتەنمۇ بۇ يەردە قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە مەيلى خىتايلار بولسۇن ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسۇن كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.» 

ئەمما بۇ خىتاي خادىم بايانىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە رايوندا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى نىسبەتەن ئەركىن ياشايدىغان چاغلىرىنى ئەسلەيدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «90-يىللاردا بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەمىز ھەقىقەتەن تۆۋەن ئىدى. كوچىلار رەتسىز ئىدى، كىچىك يايما ۋە بوتكىلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى مەسىلىسىدە يانچۇقچىلارمۇ كۆپ ئىدى. ئەمما ئادەملەر ئىنتايىن ئەركىن ئىدى! ھەممە تەرەپلەردە ئەركىن ئىدۇق!»

ئۇ بايانىدا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە قاراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر ھەقىقەتەن بىرەر نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسا قورال كۈچى بىلەن بۇ ۋەزىيەتنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ:

«ھازىر كۆرۈنۈشتە چوڭ ۋەزىيەت تەرتىپكە سېلىندى. شىنجاڭغا كېلىدىغان خەتەر تەكىتلىنىپ، بۇ يەردە قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئەگەر ھەقىقەتەن توپىلاڭ چىقىدىغان بولسا قورال كۈچى بىلەن ئېلىنغان تەدبىرلەرمۇ كار قىلماسلىقى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى قاتتىق بېسىم سىياسەتلەرمۇ كار قىلماسلىقى مۇمكىن. ھازىرقى ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر پەقەتلا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش رولىنىلا ئوينايدۇ» دېدى. 

رادىئومىز ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدىمۇ، قاغىلىقتا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خىتاي سودىگەر دائىرىلەرنىڭ رايوندا مۇقىملىقنى زىيادە تەكىتلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زىيادە قاتتىق تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئايلارچە سولىۋېتىلىش ۋەزىيىتى سەۋەبلىك خىتاي «ئىچكىرى ئۆلكىلىرى» دىن كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ شىركەت-زاۋۇتلىرىدا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

ئەينى چاغدا بۇ خىتاي سودىگەر يەنە ئۆزى 90-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭى كەلگەن چېغىدا كۆرگەن ۋەزىيەت بىلەن نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق سىياسەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈلگىنى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرغاندا ئۇ قەدەر كەسكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئاتالمىش مۇقىملىق نامىدىكى قاتتىق باستۇرۇشقا ئەمەس، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىشقا قارىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شامىڭنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايانىدىن نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەركىن ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىدىمۇ بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن گېرمانىيەدىكى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرى نۆۋەتتە يىللاردىن بۇيان بۇ زېمىندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق ياشاش ياكى كېتىش قارارى ئېلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ قاتتىق تەدبىرلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسا، بۇ خىل تەدبىرلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.