جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان توغرىسىدا يېڭى ئۇچۇرلار

0:00 / 0:00

12 يىل خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان 15 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر ئايدىن كېيىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېتىبارى بىلەن يەنە 40 كۈنلۈك نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئابدۇقادىر ياپچان دەسلەپكى قەدەمدە 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۆيىدىن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوتقا ئېلىپ چىققان ئىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن 9-ئاينىڭ 28-كۈنى جۈمەدىن كېيىن يەنە ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن ۋە سوت دائىرىلىرى قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ 40 كۈنلۈك نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئابدۇقادىر ياپچان ھازىر ئىستانبۇلنىڭ مالتەپەدىكى تۈرمىدە نازارەتتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ «يېڭى شەپەق»، «يېڭى ئاكىت» قاتارلىق گېزىتلەردە «شەرقىي تۈركىستانلىق لىدېر تۈرمىدە»، دېگەن تېمىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ت ر ت ئاۋازى، دۇنيا بۇلتېنى، خەۋەر7، ئۇيغۇر تەتقىقات خەۋەر تورى، ئىستىقلال تورى قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇ-گېزىتلەردىمۇ كەڭ تارقىتىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئاساسلىقى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ 15 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى، ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقى، تۈركىيە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئابدۇقادىر ياپچان تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ پىكىر-قاراشلىرىغا يەر بېرىلگەن.
سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى، ئابدۇلقادىر ياپچان، خىتاينىڭ يالغان داۋالىرىغا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېيىت تۇمتۈرك يەنە مۇنداق دېگەن: خىتاي تۈركىيىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى كوزۇر قىلىپ قوللىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ قانۇنى ئەمەس بىر سىياسىي مەسىلە دەپ قارايمەن. جۇمھۇر رەئىسىمىزگە ئىشىنىمىز. ئۇنىڭ مەيدانىنى، مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىغا بىر قانچە قېتىم شاھىت بولدۇق. ياپچان قېرىندىشىمىزنىڭ ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىغا، خىتاينىڭ پۈتۈن بېسىملىرىغا تۈركىيىنىڭ كۆكسىنى كىرىپ تۇرالايدۇ دەپ قارايمەن. تۈركىيە پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ كۆز قارچۇغىدۇر.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نى ناچار قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ياپچان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 16 ياش ۋاقتىدا تەشكىلات قۇرۇش ۋە ئەزا بولۇش بىلەن 6 يىللىق تۈرمىگە قامالغان. 1990-يىلى بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەندە يەنە گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. 1993-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئارىدىن 5 ئاي ئۆتكەندە قاغىلىقتىكى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋاپات بولغاندىن كېيىن يەنە قولغا ئېلىنغان ۋە 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان، 1996-يىلى جازا مۇددىتىنى پۈتتۈرۈپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى 1996-يىلىدىن بۇيان دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئىزدەنگەن 2001-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردە ئاساسلىقى، پىكرى جەھەتتىن ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەپ كەلگەن. يىغىن، مۇراسىملاردا نۇتۇق سۆزلەپ ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى بىلەن يېتىلدۈرۈشكە تىرىشقان.

تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيە پارلامېنت مەجلىسىگە بېرىپ، ئادالەت مىنىستىرى بەكىر بوزداغ قاتارلىق بىر قانچە مىنىستىرلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ ئابدۇلقادىر ياپچان مەسلىسىنى سۆزلەشتى ۋە بۇ توغرىدا يازغان تەلەپ خېتىنى ئۆز قولى تاپشۇردى.

بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە ۋە ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى خەۋەرلەر تورىدا پروفېسسور جالال ئەرباينىڭ تۈركىيە ئادالەت مىنىستىرى بەكرى بوزداغقا سۇنغان مەكتۇپى ئېلان قىلىندى.
پروفېسسور دوكتور جالال ئەرباينىڭ، ئادالەت مىنىستىرى بەكىر بوزداغقا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە تاپشۇرغان تەلەپ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر!، 2002-يىلىدىن بۇيان ئىقامەت رۇخسەت كىنىشكىسى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ھەمشەھەرلىرىمىزنىڭ ھىمايىسى بىلەن ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئابدۇقادىر ياپچان ئىستانبۇل باكىركۆي ئەدلىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇلدى. تۇتۇلغاندىن كېيىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى پاراڭلار تارقاپ شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا ۋە قاتتىق قايغۇلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر ياپچان شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى ئەھلى سۈننىي ۋە ھەنەفى مەزھىپىنى ئاساس قىلىش ۋە بۇ مەزھەپتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا پىكىر چۈشەنچە بېرىۋاتقان بىر يۇرت ئاقساقىلى ۋە بىلىملىك كىشى بولۇشتىن سىرت تېررورلۇققا كىرىدىغان ھېچ قانداق بىر ھەرىكەتنى سادىر قىلغان ئەمەس. ئۇ كىشىنى مەن ئەڭ ئاز 10 يىلدىن بۇيان تونۇيمەن....».
پروفېسسور جالال ئەرباي، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 23-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئادالەت كومىتېتى ئەزاسى.

بۇ مەكتۇپ يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنئالى يىلدىرىم، تاشقى ئىشلار ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىز بۇ ھەقتە يەنە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ياقۇپ جان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ياقۇپ جان ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ناھەق تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېچ قانداق گۇناھى يوقلۇقىنى، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن تەشكىلاتلار ئارا توپلىشىپ ئەنقەرەگە بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.