ئابدۇراخمان: «ب ب س مۇخبىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىم ئۈچۈن ۋەزىپەمدىن ئېلىپ تاشلاندىم»

0:00 / 0:00

2015-يىلى 12-ئاۋغۇست ب ب س نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى قانداق ساقلاۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە نام شەرىپى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان گىلگىت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇراخمان بۇخارى مۇخبىر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە بەزى مەسىلىلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن گىلگىت خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ كاتىپلىقىدىن قالدۇرۇلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ئابدۇراخمان بۇخارى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا گىلگىت شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەن ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئوردۇ تىلىدىكى مۇخبىرى شۇمائىلا جاففىرېينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ پاكىستاندا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى ئۈچۈن گىلگىت خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى رەھبەرلىكى ئۇنى: «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆز قىلدى» دەپ ئەيىبلەپ كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتكەن. زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغان ھازىر گىلگىت شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان بۇخارى بۇ ھەقتە توختالدى.

بىز گىلگىت شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاغىخان سۇلتاننىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولدۇق. بىراق،تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن بىرى ئالىبابا ئاغىغان سۇلتاننىڭ ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چاغانلىق زىياپەتكە كەتكەنلىكىنى، كاتىپ ئابدۇراخمان بۇخارىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش بۇيرۇقىنىڭ ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئالىبابانىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغان بولساقمۇ، بىراق ئەلچىخانا تېلېفونىمىزنى پەقەتلا قوبۇل قىلمىدى.

گىلگىت خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئالىبابا مەزكۇر جەمئىيەتكە پاكىستان ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پۇل بېرىش مەقسىتى ۋە ھەر يىلى بېرىلىدىغان پۇلنىڭ سانى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.

26-يانۋار پاكىستاندىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ئوردۇ تىلىدىكى «جاھان پاكىستان» گېزىتىدە ۋە شۇنداقلا ئىنگلىز تىلىدىكى خەۋەرلەردىمۇ گىلگىت شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ بانكا ھېساباتىنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە قانۇن دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە توڭلىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

بىز مەزكۇر جەمئىيەت ھېساباتىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ھەققىدە گىلگىت خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىبابا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گىلگىت خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق كاتىپى ئابدۇراخمان بۇخارى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان بەزى بىر نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ يېقىندا ئۆزىنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنىغا تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» سالاھىيىتىدە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «پاكىستان-خىتاي مۇھاجىرلىرى سودا بىرلەشمىسى»نىڭ مەسئۇلى ئابدۇلقەيۇم مەجىدنىڭ نامىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.