- مەن 2013-يىلىنىڭ نورۇز بايرىمى ھارپىسىدا، يەنى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كەلدىم. بۇ سەپىرىمنىڭ مەقسىتى ئۈرۈمچىدىكى مەسلەكداشلىرىم بىلەن بىللە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز زىيالىيلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نورۇزلۇق سۆھبەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىدى. مەن ئۈرۈمچىگە چۈشكەن كۈنۈم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچىدىن «چاي ئىچىش» كە چاقىرىلدىم!
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئۆز ئەسلىمىسىنى داۋاملاشتۇردى:
- ئەينى چاغدا مەن ۋە مېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەسلەكداشلىرىمدىن دىليار ئوبۇل بىلەن مۇھەممەتسىدىق ئۈچىمىز ئانا تىللىق مائارىپ جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە قازاقلار، قىرغىزلار ۋە ھەتتا موڭغۇللارنىڭمۇ ئوخشاشلا جىددىي كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بۇ ئورتاق قىسمەت ھەققىدە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلاشقان ئىدۇق. شۇڭا 2013-يىللىق نورۇز بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز زىيالىيلىرىنىڭ سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. مەن مۇشۇ پائالىيەتنى دەپ قەشقەردىكى جىددىي ئىشلىرىمنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدىم. ھالبۇكى، ساقچىلارنىڭ كۈتۈلمىگەندە بىزنى «چاي ئىچىش» كە چاقىرىشى نورۇزلۇق ھەممە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمىزنى سۇغا چىلاشتۇردى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ كۈتۈلمىگەن ئىشقا قانداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
-تېلېفوندا ئۇلار مېنىڭ ساقچىخانىغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن بۇنى رەت قىلدىم. چۈنكى بىر پۇقرالىق ھوقۇقۇم بويىچە ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان ئەھۋالدا ساقچىنىڭ ھەيۋىسى بويىچە ساقچىخانىغا بېرىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. مەن تېلېفوندا ئۇ ساقچىغا: «ئەگەردە قولۇڭلاردا مېنى ۋە مېنىڭ مەسلەكداشلىرىمنى قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشى بولسا، ئەلۋەتتە بۇيرۇق بويىچە بىزنى قولغا ئېلىشقا ياكى ساقچىخانىغا چاقىرتىشقا سىلەر ھوقۇقلۇق. بۇنى مەن قوبۇل قىلىمەن. ئەگەر قولۇڭلاردا قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشى يوق ئەھۋالدا بىز بىلەن سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ساقچىخانىغا بېرىشىمىزنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. سىلەر بىلەن ساقچىخانىدىن باشقا ھەرقانداق جايدا، مەسىلەن، چايخانا، قەھۋەخانا ياكى مېھمانخانىدا سۆزلەشسەك بولىدۇ،» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچى بىزنى ئىزدەپ كېلىپ سىرتتىكى بىر جايدا كۆرۈشتۇق.
ئابدۇۋەلى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
-ساقچى بىزدىن نورۇزلۇق پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەسلىكىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز نورۇزلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق يېرى يوقلۇقىنى، پائالىيەتنى پىلانلاشتىن بۇرۇنلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغانلىقىمىزنى، باغاقلارمۇ تارقىتىلىپ بولغانلىقىنى، بىخەتەرلىك جەھەتتە تىنچ ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىزاھلىدۇق. شۇنچە چۈشەندۈرسەكمۇ ساقچى ئاڭلىمىدى. يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى، بىز ئاخىرى ساقچىنىڭ بېسىمى بىلەن نورۇزلۇق پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەيدىغان بولدۇق. بىز ساقچىغا بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گېپىمىزگە ئىشەنمەي ئەتىسىمۇ بىزنى قايتا «چاي ئىچىش» كە چاقىردى.
ئابدۇۋەلى ئەسلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا قازاق زىيالىيلىرىدىن سۇلتان جانبولاتوف «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ قازاق مىللىي مائارىپىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئىنتايىن ياخشى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. شۇڭا مەن ئاشۇ قېتىملىق پائالىيەتكە سۇلتان ئاكىنى چاقىرىش ئويۇم بار ئىدى. ئۇندىن باشقا قىرغىز زىيالىيلىرىدىن مامبەت تۇردى، ماكېلەك، ئىشاقبېگ قاتارلىقلارنىمۇ چاقىرماقچى ئىدۇق. مەن ھەتتا بۇ پائالىيىتىمىزگە موڭغۇل زىيالىيلىرىنىمۇ چاقىرىش تەكلىپىنى بەردىم. چۈنكى موڭغۇل زىيالىيلىرىدىن مېڭ چىبى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا خېلى زور تەسىرى بار ئىدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا مائارىپ نەشرىياتىدىن سۈرۈشتۈرۈپ، موڭغۇل ئېلىببەسىنىڭ 5 يىلدىن بۇيان قايتا بېسىلمىغانلىقىنى ئۇققان ئىدىم. نورۇزلۇق پائالىيىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە پۈتۈن پىلانلىرىمىز سۇغا چىلاشتى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:
- بۇ قېتىملىق ئىشقا ئاشمىغان نورۇز پائالىيىتىمىز، مېنىڭ ۋەتەندىكى بارلىق ئىزدىنىشلىرىم ۋە ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ توسالغۇ دەۋرىگە كىرگەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر مەن قەشقەردە ئاچقان ئانا تىل يەسلىسى بىلەن تىل تەربىيەلەش مەركىزىمنى تاقىۋەتتى. مەن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا تارتىلغاندا ھېلىقى ساقچى ماڭا: «بىز ئۆز ۋاقتىدا ساڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدۇق. لېكىن سەن ئاگاھلاندۇرۇشىمىزغا پىسەنت قىلماستىن ئۆز ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرىۋەردىڭ!» دېدى. مەن ئۇلارغا: «مەن پەقەت قانۇن ۋە مەۋجۇت سىستېما يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئىش ئېلىپ باردىم. مەن بىر شەخس، مېنىڭ كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشقۇدەك قۇربىتىم ھەم ئىمكانىممۇ يوق. ئەگەردە سىلەر ئۆز ۋاقتىدا ماڭا مەن قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ قانۇنغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغان قانۇنىي ئاساسنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن بولساڭلار، مەن ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنى توختىتاتتىم. چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قارشىلىق قىلىدىغان يۈرىكىم ئون ئەمەس!...» دېدىم.
(داۋامى بار)