قەشقەردە، ئابلىمىت داموللام ئۈستىدىكى تەنقىد، ئۆلۈمىدىن 5 ئاي كېيىنمۇ داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

قەشقەردىكى مەشھۇر دىنىي زات ئابلىمىت داموللام بۇ يىل 6 ‏-ئايدا قاماقتىكى مەزگىلىدە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى چەتئەللەردە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلىنىشىچە، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن 5 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئەيىبلەش ۋە تەنقىد يىغىنلىرىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، سىياسىي يىغىنلارنىڭ يەنىلا جىددىي كەيپىياتتا ئېچىلىۋاتقانلىقى، بۇ يىغىندا بۇنىڭدىن 5 ئاي بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زات ئابلىمىت داموللامنىڭ ئىزچىل ھالدا تەنقىدلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئابلىمىت داموللامنىڭ چەتئەلدىكى شاگىرتلىرىنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 1980 ‏-يىللاردا قەشقەردە چەتئەل تىل مەكتىپى ئېچىش، دىنىي مائارىپنى ئىلمىي ۋە مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان. ئۇ تەبلىغلىرىدە ھەق ۋە ئادالەتنى قەتئىي ۋە ئىزچىل تەكىتلەشتەك خاسلىقى بىلەن قەشقەردە ئەھلى-جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. قەشقەردە سىياسىي يىغىنلارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ پىكىر ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان ۋە يېقىن ئۆتكەنلەرنى تۈرمىگە تاشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېگىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىتىدىن ئەمەس، رايوندىكى دىنىي كەيپىيات ۋە چەتئەلدىكى خىتايغا قارشى تەشۋىقاتلاردىن كۆرۈپ كەلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر قەشقەردە يېقىنقى يىللاردا كۈچەيگەن دىنىي ئېتىقاد ۋە يۈكسەلگەن دىنىي كەيپىياتنى ئابلىمىت داموللامنىڭ تەسىرىدىن كۆرگەن.

ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ دېيىشىچە، جاراڭلىق جۈمە خۇتبىلىرى بىلەن نام-شەرىپى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەڭرى تارقالغان ئابلىمىت داموللامنىڭ پائالىيەتلىرى خېلى يىللار بۇرۇنلا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرى ئۇ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلار ئارقىلىق بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلقى قاتتىق زەربە دولقۇنىدا ئابلىمىت داموللامنى قايتا تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇن داۋامىدىكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ۋە 6 ‏-ئاينىڭ بېشىدا دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت داموللامنىڭ قورۇسى، ساقچىلار تەرىپىدىن ھەپتىلەپ قورشاۋغا ئېلىنغان. ساقچىلار ئەينى چاغدا ئابلىمىت داموللامنىڭ قورۇسىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگۈچىلەرنى چەكلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا بېرىش ۋە ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىش پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. قەشقەر ئاھالىسى، ئۆزلىرى سۆيگەن ۋە ھۆرمەت قىلغان بۇ زاتنى قەلبىدە ئۇزىتىشقا مەجبۇر بولغان.

بىز ئابلىمىت داموللام ھەققىدىكى تەنقىد يىغىنلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر بەشكېرەم ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى ئابلىمىت داموللام ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئابلىمىت داموللامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى چەتئەلگە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تۈرك جامائىتى ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.