ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم: «قان بىلەن كىرگەن ئېتىقاد جان بىلەن چىقىدۇ!»

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىمنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن باشقا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە سۇنغان مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەكلىپلىرى خېلى زور دەرىجىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

11-مارت كۈنى ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم تەكلىپ بويىچە بېيجىڭدىكى مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ «جۇڭگوغا نەزەر» پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ مەركەزگە سۇنغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تەپسىلىي شەرھلىگەن.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «مۇقىملىق ۋە ئىناق جەمئىيەت» بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مىللىي سىياسەتنىڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئابلىمىت داموللا ھاجىم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ئىلىم ئۆگىنىش ۋە پەرزەنتلىرىنى ئىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەن-مائارىپنى ۋە تىنچلىقنى سۆيىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى ھەققىدە توختىلىپ، كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجلىرى نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى، يېڭى مەسچىت سېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خەلقنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا ئۆز ئېتىقادى بىلەن بىللە كۆچىدىغانلىقىنى، ئېتىقادنىڭ قان بىلەن كىرىپ جان بىلەن چىقىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئايرودروملاردا تاماكا چېكىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس جاي ئاجرىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان ھېچقانداق جاينىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئالغان.

ئابلىمىت داموللا ھاجىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا، بولۇپمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان خوتەن رايونىدا داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كىرگەن مۇسۇلمان بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇماسلىق ھەققىدىكى كېلىشىمنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن قانۇن بويىچە يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھېسسىياتى ۋە غۇرۇرىغا تەگمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.