ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئامانلىق» تەدبىرلىرى ۋە زورىيىۋاتقان ۋەھىمە
2017.11.15

«تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي كېڭىيىۋاتقان «ئامانلىق» تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي كۈندىلىك ھاياتىغىمۇ «سىياسىي» لىقنىڭ تامغىسىنى بېسىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئاساسىدا يېزىلغان مەلۇماتلار بولسا بۇ ئەھۋالنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن يورۇتماقتا. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئېمىلىي فېڭ ئىمزاسىدىكى ماقالە ئەنە شۇ خىل يازمىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تارىخشۇناسلارنىڭ يازمىلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، قەدىمدىن بۇيان شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلگەن «يىپەك يولى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى ھەرقاچان تاشقى دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھەممىلا ساھەدە ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدىلىكى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر رايوننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قوللۇق «ئامانلىق» تەدبىرلىرى ئىچىدە قاتمۇ-قات ئىسكەنجىدە تىپىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فېڭ ئۆزىنىڭ قەشقەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى 13-نويابىر كۈنى ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان «ئامانلىق» تەدبىرلىرىنىڭ بۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى قايسى دەرىجىدە پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىغا چېن چۇەنگو پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ زور ئۆزگىرىش ساقچىلار قوشۇنىنىڭ شىددەت بىلەن زورىيىشى ھەمدە «ئامانلىق» ئۈچۈن كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئورنىتىلىشى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرنەچچە يۈز مېتىردا بىردىن سېلىنغان ساقچى پونكىتلىرىنىڭ سانى 7300 دىن ئاشقان، جاي-جايلارغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى بولسا ھازىر پۈتكۈل ئەنگلىيە تەۋەسىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە يەتكەن. ئاۋسترالىيەدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھالنى ئۇشتۇمتۇت باشلانغان، دېيىشتىن كۆرە ئۇنى ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنىڭ داۋامى دەپ قاراشنىڭ بىرئاز مەنتىقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە جاڭ چۈنشيەن دەۋرىدىلا باشلىنىپ بولغان، ئەمدىلىكتە بولسا چېن چۇەنگونىڭ باشلامچىلىقىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا. مېنىڭ بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم بۇ سىياسەتلەرنىڭ ھازىر ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىدۇر. مېنىڭچە ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنى ئۆزگىرىشكە يۈز تۇتتى دېگەندىن كۆرە ئۇلارنى ھازىر تېخىمۇ سىجىل داۋاملىشىۋاتىدۇ، دېيىش بىرئاز ئاقىلانىراق بولسا كېرەك. چۈنكى ھازىرقى كۆپلىگەن رېئاللىق چېن چۇەنگونىڭ بار زېھنىنى يىغىپ ‹ئامانلىق› خىزمىتىنى پۈتكۈل شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى ئەڭ روشەن ھادىسىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىرنەچچە ئايلىق نەق مەيدان تەكشۈرۈشى بىلەن مەشغۇل بولغان ئامېرىكالىق دوكتۇرانت دارېن بەيلېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كونتروللۇق تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىقلىقىدىن پۈتكۈل رايوننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز» دېگەن. پروفېسسور جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە توختىلىپ، چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىدا پارتىيە سېكرېتارى بولغاندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى «ئامانلىق» قا قاراتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنداق. بۇ يەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك جاڭ چۈنشيەن (2009-يىلىدىكى) ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان تولىمۇ مالىمانچىلىق بىر ۋەزىيەتتە ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغان. ئەمما ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ۋاڭ لېچۇەنگە قارىغاندا يۇمشاقراق بولغان سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ قارىشىمنىڭ قايسى دەرىجىدە توغرا ئىكەنلىكىنى ھازىرچە بىر ياققا قويۇپ تۇرايلى. جاڭ چۈنشيەن ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىققا باراۋەر زېھىن قويغان، دېسەك خاتالاشمايمىز. ئەمما چېن چۇەنگو شىنجاڭغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن بىرىنچى يىلىلا ‹ئامانلىق›نى تەرەققىياتنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالدى. ئۇ ھە دېسىلا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ ‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ› دېگەننى ئالغا سۈردى. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ (چېن چۇەنگو) مۇشۇ مەقسەتتە غايەت زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ۋە قەسەم بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورلاشقان ‹خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى› سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى.»
ئېمىلىي فېڭنى قەشقەردىكى زىيارەت جەريانىدا ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش ئۇ ئۇچراتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنمىغان بىرمۇ كىشىنىڭ بولماسلىقى، جاي-جايلاردىكى نامسىز «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» دە بەكمۇ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى بولغان. قەشقەر شەھىرىدىكى مەلۇم «ئۆگىنىش مەركىزى» دىن بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر سودىگەر ئېمىلىي فېڭغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ھازىر ھۆكۈمەت كونا مەكتەپلەرنى، بوش قالغان ئىشخانا بىنالىرىنى سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى قىلىۋالدى. ئۇ جايدا بەك جىق ئادەم يىغىۋېلىنغان. تاماق، ياتاق، دەرس دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە بولىدۇ. ھېچكىم سىرتقا چىقالمايدۇ» دېگەن. پروفېسسور جېيمىس لېيبولد بۇ توغرىلىق پىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتە يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر زور ئۆزگىرىش (مېنىڭچە سىزنىڭ بۇنىڭدىن ئوبدانلا خەۋىرىڭىز بار) مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ كېڭىيىشى ۋە سىياسىي تەربىيىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدۇر. بۇ جەرياندا چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئەنە شۇنداق قىلىپ مەجبۇرىي يوسۇندا قايتىپ كەلدى، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئاشۇ خىل مەركەزلەرگە يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنى ھۆكۈمەت ‹ئامانلىق› ئۈچۈن يوشۇرۇن تەھدىت، دەپ قاراپ كەلمەكتە ھەمدە ئۇ كىشىلەرنىڭ رادىكاللىشىپ كېتىشىدىن ۋايىم يېمەكتە. بۇ كىشىلەر ئاشۇ ‹سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى› دە ھېچقانداق ئەيىبلەشسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى بىر ياققا قايرىپ قويۇلماقتا. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى نېمە، دەپ سورىسىڭىز ئاشۇ مەركەزلەرگە يىغىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى بولۇپ قالماقتا. شۇڭا بۇلارنى ئىجادىيەت دېگەندىن كۆرە چېن چۇەنگونىڭ تىبەت رايونىدا سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇللىرىنى شىنجاڭدا قايتا ئىجرا قىلىشى دېسەك تېخىمۇ توغرىراق بولىدۇ.»
ماقالىدا ئاپتور ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىغا ئۆزلىرى خالىغان دىنىي ئىسىملارنى قويالمايدىغانلىقى، چەتئەلگە چىقاي دېسە پاسپورت ئالالمايدىغانلىقى، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بۇ خىل يوسۇندا مەجبۇرىي قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل كونتروللۇقنىڭ ھازىر شەھەرلەر ئارىسىدىمۇ قاتتىق ئىجرا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ زىيارەت قىلغان ياسىنجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش «ھازىر قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارىمىز دېسەك ساقچىخانىدىن يول خېتى ئالىمىز. بەزىدە بۇ خەتنى ئالغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ. پروفېسسور جېيمىس لېيبولد بۇ خىل كونتروللۇق ھەققىدە سۆز بولغاندا ھازىر بەزى يۇقىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇ (چېن چۇەنگو) يەنە ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىنى قوللىنىپ گېن ئەۋرىشىكىسى يىغىش، ماشىنىلارغا ئىز قوغلىغۇچ ئورنىتىش، چىراي ۋە ئاۋاز تونۇش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھەممىلا جايغا بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرگە پۇل خەجلەپ، ھەرقانداق مالىمانچىلىق ئامىللىرىنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.»
ماقالە ئاپتورى قەشقەردە ھېس قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ھازىر بۇ جايدىكى سودا ساھەسىدە ئاساسىي ئامىل بولۇۋاتقان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭمۇ بۇ خىل ھەددىدىن زىيادە قاتتىق كونتروللۇقتىن قاخشاۋاتقانلىقى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، دوقمۇش-دوقمۇشلاردىكى توسۇقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن سىرتقا سودىلىق ئۈچۈن چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن؛ دۇكاندارلار بولسا دۇكانغا مېتال تەكشۈرگۈچ ئاپپاراتى ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتى سېتىۋېلىشقا، شۇنىڭدەك ئامانلىق خادىملىرى ياللاشقا بۇيرۇلغان. بۇ ئامىللار بولسا ئايلىنىپ كېلىپ دۇكاندارلارنىڭ تاپاۋىتىگە ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كېلىپ قەشقەردە سودا قىلىۋاتقان بىر خىتاي سودىگەر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھازىر تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلەر سەۋەبىدىن ھەممىمىزنىڭ سودىسى كاساتلىشىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ھازىر قەشقەردىكى خىتايلارنىڭمۇ بۇنىڭغا ھېچقانچە تاقىتى قالمىدىغۇ دەيمەن» دېگەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەردىكى قاتتىق كونتروللۇقنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى يول-يوللاردىكى ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈشىدە ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقانداق يانفونغا ھازىر خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئىشلەپ تارقاتقان «تور تازىلىغۇچى» ناملىق يۇمتالنى ئورنىتىش شەرت ئىكەن. ئېمىلىي فېڭ زىيارەت قىلغان يالقۇن ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ھازىر ھۆكۈمەت تېلېفونىمىزدىن ھەممىلا نەرسىنى تاپالايدىغان بولۇپ كەتتى. ھەتتا بىرنەچچە يىل بۇرۇن قايسى توربەتلەردىن نېمىلەرنى ئىزلىگەنلىكىمىزنى، نېمىلەرنى يۇيۇۋەتكەنلىكىمىزنىمۇ بىلىۋالىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن تۇتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر بەك جىق» دېگەن.
ئەمما ماقالە ئاپتورى بۇ جەھەتتە بايقىغان بىر قىزىقارلىق ھادىسە قەشقەردىكى خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىككى يانفون بارلىقىكەن. يوللاردىكى تېلېفون تەكشۈرۈش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ خىتايلار ئادەتتە سىرتلارغا چىققاندا ھېچقانداق ئەپ ئورنىتىلمىغان بىرىنچى تېلېفوننى ئېلىۋالىدىكەن. «ۋاتس ئەپ»، «فېيسبۇك» (يۈزدىدار) ۋە باشقا مەنئى قىلىنغان ئەپلەرنى ئورنىتىۋالغان تېلېفونلىرىنى بولسا ئۆيگە تاشلاپ قويىدىكەن ھەمدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئىشلىتىدىكەن.
ماقالە ئاپتورىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق كونتروللۇق ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالغان ھەمدە «ئورالمان» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىقىدىكى قازاقلارغا يېيىلماقتا ئىكەن.