ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى بۈگۈن ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى. سۆھبەتلەردە سىياسەتتىن ئىقتىسادقىچە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمىنىڭ يەنىلا ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ئوچۇق قىلىپ، خىتاي ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئوغرىلىق قىلىشنى توختىتىشى كېرەك، دېدى.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى. مۇراسىمغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جون بايدىن، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي ۋە مالىيە مىنىستىرى جەك لۈۋ ۋە شۇنداقلا خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ قىلغان سۆزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. چۈنكى ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سەمىمىي ۋە ئادىل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. جو بايدىن ئېنىق قىلىپ، ئوچۇق، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك ئىنتېرنېت ھەر ئىككىلا دۆلەتكە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنتېرنېت يولى ئارقىلىق ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ۋەقەلىرى چەكتىن ئاشقانلىق، دەپ قارىلىشى ۋە دەرھال توختىتىلىشى كېرەك، دېدى.
جو بايدىن سۆزىنى داۋام قىلىپ «بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ھەم رىقابەت، ھەم ھەمكارلىق ئىچىدە داۋام قىلىدۇ. رىقابەت ھەر ئىككىلا دۆلەتكە پايدىلىق، ھەمكارلىق بولسا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يادروسى. ئىككى دۆلەتتە رىقابەت بولۇشى ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن ئويۇننى ئادىل ئوينىغاندىلا، رىقابەت ساغلام بولغاندىلا بىزگە پايدا ئېلىپ كېلدۇ» دېدى.
ئىچىلىش مۇراسىمىدا خىتايدىن كەلگەن ھەيئەتكە ۋاكالىتەن خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى قىلغان. ياڭ جېچى سۆزىدە خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ياڭ جېچى جو بايدىننىڭ ئەكسىچە، ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى مەسىلىسىدە كۆپ توختىلىشنى خالىمىغان. ياڭ جېچى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقىنىڭ «دۇنياۋى رىقابەت» لىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە خىتاي بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەمكارلىشىشى كېرەك، دەپلا ئۆتۈپ كەتكەن. ئەمما ياڭ جېچى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلىنىش ئالدىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئالدى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۆل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى. بۈگۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى بارلىق كاشىلارنىڭ تۈزىلىشىگە پايدىلىق. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايدا دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىشى، ئۇچۇرنىڭ ئەركىن قويۇۋېتىلىشى ۋە پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنىنى ئەركىن سۆزلىيەلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان 3 ئايدىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يەنىلا ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 5 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دىئالوگلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتالمىغانلىقىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەر مەسىلىسىدە ئەيىبلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا- خىتاينىڭ ھەربىي ھەمكارلىقلاردىمۇ بىر كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ۋال سترت ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي بۇ سۆھبەتلەرنى ئىستراتېگىيىلىك دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئەسلى بۇنداق سۆھبەتلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پىلانلار تۈزىلىشى كېرەك، دېگەن. ۋال سىترىت ژۇرنىلى مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدە، ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ۋە شۇنداقلا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساقلىنىپ ياتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بولۇپمۇ، ئىقتىسادقا قاراتقان كونترولنى يۇمشىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە قەدەم تاشلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار شۇنداقلا بۇ سۆھبەتنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ چوقۇم پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.