كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.08.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
qeshqer-saqchi-herbiy-uyghur-qarshiliq.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
Imaginechina


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيادا يېڭىدىن يۈكسېلىۋاتقان كۈچ بولغان خىتاي بىلەن كونا قۇدرەتلىك دۆلەت ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى يىللاردىن بېرى داۋالغۇش ئىچىدە ئىلگىرىلىدى. ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ھەمكارلىقلىرى كۈپىيىپ، مۇناسىۋەتلەردە بىر مەزگىل ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تېنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ۋە رايوندىكى خىتايغا خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت ۋەقەلەر يەنىلا بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا سوغۇقچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيىسىدە ئاسىيادىكى زور دۆلەت خىتاي بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ۋە دۇنيانىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. شۇڭا ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ۋە باشقا تۈرلۈك دىپلوماتىك ئۇچرىشىش يوللىرى ئارقىلىق ئۆز - ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلماقتا.

بىراق، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىمەن دەپلا ئۇنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسىنى سۇيئىستىمال قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى شېرىك دۆلەتلىرى ئالدىدىكى ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە، تەڭپۇڭسىز ھەمكارلىقنى ھىمايە قىلماقتا ۋە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئارقىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويماقتا. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا خىتايغا ياق دېيەلەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىدە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئامېرىكا سادىر قىلىۋاتقان خاتالىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشىگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ پوزىتسيىسى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايوندىكى شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاي بىلەن ھەربىي ساھەدىكى ئالاقىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ماقالىدىكى دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى بولۇپ، مۇلاھىزىدە ئامېرىكا خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلاشقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن :

- ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېلىشتىن ياكى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. 2014 - يىلى ئامېرىكا - خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئاتقان قەدەملىرىنىڭ بىرى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «تېررورلۇق» قا قارشى كۈرەش دەپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى - مەسىلەن، يېقىندا خىتاينىڭ 59 «تېررور گۇماندارى» نى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى ۋە 215 ئادەمنى قولغا ئېلىشتەك ھەرىكەتلىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇڭا خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش سۆھبىتىگە ئولتۇرۇش ۋە سۆھبەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سارا سىۋالنى قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئامېرىكا شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەندەك تەسر بېرىپ قويىدۇ.

دەرۋەقە بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئامېرىكا - خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سۆھبىتى» دە خىتاي تەرەپ ئامېرىكىدىن ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى» نى باستۇرۇشىنى قوللىشى ۋە چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سۆھبەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ «تېررورلۇق» تەشكىلات ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىغان. ئۇلار شۇنداقلا ئامېرىكىنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قوللانماسلىققا چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاش» قا چاقىرغان. بىراق خەۋەرلەردە، ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ بۇ تەلىپىگە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە بۇ ھەقتە يۇقىرىدىكى سۆھبەتنىڭ ئەسلىدە خىتاينى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قوللىنىۋاتقان قاتتىق قوللۇق ھەرىكەتلىرىنى پەسەيتىشكە چاقىرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئۇنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، چۈنكى ئامېرىكا ئىلگىرى بۇنداق بىر خاتالىقنى سادىر قىلدى، دېگەن. مۇلاھىزىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن :

- 2001 - يىلى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىسىنى «تېررورلۇق» مەسىلىسى دەپ ئېلان قىلىۋالدى. نەتىجىدە، بۇنىڭ بىلەن 2002 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى بىمالال يۈرگۈزۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بىراق، بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئامېرىكا گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ تېررور تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇقنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۆزگەرمىدى.

مۇلاھىزىدە، ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ھىمايىچىسى، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى، دەپ قارىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئېتىبارىغا ئىنتايىن چوڭ زىيان بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچى دەپ باستۇرۇۋاتقانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.