ئوباما بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خاڭجۇدىكى ئۇچرىشىشىدا ئىككى تەرەپ ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان ئەڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئىككى ئەلنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قارارىغا كېلىشىدۇر.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا «خىتاي، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى 13224-نومۇرلۇق پرېزىدېنت بۇيرۇقىغا ئاساسەن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكى، ب د ت 1277-كومىتېتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان.»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت نىڭ 1267-كومىتېتى 2002-يىلى ش ت ئى ھ نى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. ئەمما كېيىنكى يىللاردا ئۇ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ 2002-يىلدىكى قارارىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى ياكى ئۇنىڭ ش ت ئى ھ نى تەكرار تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىدى.
ئەمما، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ئەگەر ئامېرىكا ۋە ب د ت شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزسە، خىتاي بۇنى قانۇنلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي 2001-يىلدىكى سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا مۇشۇ تېررورلۇق قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئاساسەن ۋەتەن ئىچىدە بولدى. ئەمما، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بېسىم بولامدۇ، دېگەندە، بەلكىم ئەگەر ئامېرىكا كىرگۈزسە، ب د ت ئۆزىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزسە، توسالغۇلار بولىدۇ. خىتاي بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ھەر بىر دۆلەت بىلەن بولغان سودا-سېتىقلىرىدا مۇشۇنى شەرت قىلىپ، بەزى دۆلەتلەرنى ئۈندەككە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىگە ئازراق توسالغۇلار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز )ئامېرىكىنىڭ( مۇشۇلاردا ناھايىتى ھوشيار بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەلۋەتتە بۇ چوڭ ئەندىشە، چۈنكى بىز كۆپ قۇربان بولۇۋاتىمىز.»
لېكىن ئىلشات ھەسەن يەنە، ش ت ئى ھ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلسىمۇ، ئۇنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك پائالىيەتلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىلشات ھەسەن: «ئۇ تەشكىلاتنى كىرگۈزۈش، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئومۇمى جەھەتتىكى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقان ئىشغالىيەت سىياسىتىنى ئوخشاشلا ئەيىبلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈۋاتقان د ئۇ ق، ئا ئۇ ب قاتارلىق تەشكىلاتلارغا بولغان قوللىشىنى ھېچقاچان كېمەيتكىنى يوق ياكى ئارقىغا چېكىنگىنى يوق. بۇرۇن قانداق قوللاپ كېلىۋاتقان بولسا، شۇنداق قوللاۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە تەلىپى، بۇلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى قىممەت قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە» دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ش ت ئى ھ نى 2002-يىلى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 2004-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «تەشكىللىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى يوق» دېگەن سەۋەب بىلەن تىزىملىكتىن چىقارغان.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، مەزكۇر تەشكىلات خىتايدا نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملارنى پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغان، دېگەن قاراشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىق غازاتچىلار ۋە خىتاينىڭ سۈرىيەگە ھەربىي ياردەم بېرىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
كانادادا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل ئانالىزچى مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ ش ت ئى ھ نى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىش مەسىلىسى بىر ئاز يېڭىلىق. بۇ شۇ جەھەتتىن يېڭىلىق، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىلەردە مۇشۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن خەلقئارا بىرلەشمە كۈچ تەشكىللەش ھەققىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى خىتايمۇ سۈرىيەگە 5 مىڭدەك ئەسكەر ئەۋەتىش ۋە ئايروپىلانلىرىنى يۆتكەش ئىشلىرىدا قەدەم بېسىۋاتىدۇ.
مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئەسكىرى ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئامېرىكا بەلكىم ش ت ئى ھ نى قايتىدىن تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاشقان بولسا كېرەك.»
ئەمما مەمەت توختى يەنە، خىتاينىڭ ش ت ئى ھ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، «ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا قانۇنى رەسمىيەت قازاندۇرۇش» دەپ كۆرسەتتى.
مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «بەلگىلىك ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ يەردە بارلىقى ئېنىق. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا قورال تۇتۇۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇلارنىڭ بەلگىلىك ئۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئۇرۇش تېخنىكىسىغا ئېرىشىدىغانلىقى بۇمۇ ئېنىق. شۇنداق بولغاچقا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈنى خىتايغا چوڭ باش ئاغرىقى بولىدىغانلىقىنى خىتايلار ئۇزۇندىن بۇيان دەۋاتىدۇ. شۇڭا، ش ت ئى ھ نى ئامېرىكىنىڭ تىزىملىكىگە قايتا كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا ئېتىشى، مېنىڭچە بۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يەنە مۇشۇ ش ت ئى ھ، دېگەن سىۋەتكە قاچىلاپ ئېلىپ بېرىشتۇر. ئامېرىكىغا نىسبەتەن سەن تېررورچى، دەپ قوبۇل قىلغان مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا زەربە بېرىۋاتىمەن، دەپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنى بىر قانۇنى ۋە ھەققانىي رەسمىيىتىگە ئىگە قىلىش. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەتە-ئۆگۈن خىتاي ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكەتلەرگە نىسبەتەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان قارشىلىقىنى ھازىردىن باشلاپ بىر تەرەپ قىلىشتۇر.»
خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ مەزكۇر مەسىلىدە يەنە تېررورلۇققا قارشى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېررورچىلارنىڭ توردىكى پائالىيىتى ۋە چېگرا ئاتلاپ ھەرىكەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇش، تېررورچىلارغا ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىش، رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00