ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىدىن «قاتتىق بىئارام» بولماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىدىن «قاتتىق بىئارام» بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ئاق ساراي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋە مالىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم مەزكۇر مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىدۇر.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسىدىن سەل ئاۋۋال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشېلىت لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا يەنە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، لاگېرلار ھەققىدە يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ، لاگېرلار ۋە ئېمبارگو مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېزىر نيۇئېرت سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن.

ھېزىر نيۇئېرت مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىدە سۆزلەپ كېلىۋاتقان مەسىلە. بەلكى، بەزەنلىرىڭلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، مەن بۇ يىل باھاردا ئۇيغۇر مۇخبىرلارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولغان. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن، نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتايدا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغاپ كەلدى. بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قازاق قاتارلىق باشقا مۇسۇلمانلارنىمۇ باستۇرۇشىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە.»

ھېزىر نيۇئېرتنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىشىنى چەكلىشى ئاشقۇنلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، زوراۋانلىققا يول ئاچىدىكەن. ھېزىر نيۇئېرت مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە مىڭلىغان كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بار. بىز 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن بۇيان تۇتقۇنلارنىڭ سانى جىددىي ئاشقانلىقىنى ئېيتالايمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىشىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق چېكىدىن ئاشقان نىسبەتسىز چەكلىمە ئاشقۇنلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، زوراۋانلىققا يول ئاچىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى دەرھال «يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى» ۋە «يەرشارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» لىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق باستۇرۇپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، خورلاۋاتقانلىقى، تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بىرقانچە خىل جازالاش ۋاسىتىلىرىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ بۇ ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دوكتور سوفىي رېچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ھۆكۈمەت ئويلىشىپ كۆرسە بولىدىغان بىر قانچە خىل ئېمبارگو ۋاسىتىلىرى بار. يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى شەخسلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش شۇلارنىڭ بىرى. بۇ يەردە يەنە ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن سودا قىلىشىغا چەكلىمە قويسا بولىدۇ. مەسىلەن، ھېچكىمنىڭ شىنجاڭ ج خ نازارىتىگە نەرسە سېتىشىغا ياكى شىنجاڭدىكى دىكتاتورىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك، دەيدىغان پىكىرلەر بار. دېمەك، بۇ خىل ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشتە بولىدۇ».

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش پىكىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ يېقىندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن منۇچىنغا يازغان مەكتۇپىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماركۇ رۇبىئو بىلەن كرىستوفىر سىمىت باشچىلىقىدىكى 17 نەپەر ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا، خىتايدىكى خەيكاڭ ۋە داخۇئا شىركەتلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىككى شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىگىتال، يەنى رەقەملىك تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقان كارخانىلار ئىدى.

ماركۇ رۇبىئو بىلەن كرىستوفىر سىمىت 12‏-سېنتەبىر ئامېرىكا سودا مىنىستىرىغا يوللىغان يەنە بىر مەكتۇپىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئورگانلىرىنى، بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى كىرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان. مەكتۇپتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان خورلۇق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە مۇخالىپ» دېيىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىي رېچاردسوننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكنى توختىتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز نەچچە يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشقا يالۋۇرۇپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن ئاز دېگەندە 10 يىل ئاۋۋال خىتاي ئامېرىكىنىڭ قوزغىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا باشلىغاندىلا بۇ بىزگە ئېنىق مەلۇم بولغان ئىدى. بىراق بۇ يەردىكى تراگېدىيە بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەندە ئاندىن بۇ مەسىلە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىراق ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇنىڭغا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشتۇر».

لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاچان، كىملەرگە، قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېزىر نيۇئېرت سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە بۇ مەسىلىنىڭ داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئېمبارگو قويۇش-قويماسلىق ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۆلەت مەجلىسىدىن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىزنىڭ قولىمىزدا قوللىنىدىغان نۇرغۇن ۋاسىتىلىرىمىز بار. بىراق مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىنىشى مۇمكىن بولغان ۋاسىتىلەر ھەققىدە ئالدىنالا توختالمايمەن. بۇ ئېمبارگو مەسىلىسىدە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان بىر قائىدە. يەنى بىز ئېمبارگو قويۇش-قويماسلىقنىڭ ئۇچۇرىنى ئالدىنالا بەرمەيمىز.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى شىنجاڭ ھەققىدىكى «ناتوغرا» قاراشلاردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. ئۇ، «ئەگەر تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى توغرا بولسا، بىز ئالاقىدار تەرەپنى ناتوغرا قاراشلاردىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقىغا زىيانلىق ئىشلارنى قىلىش ياكى سۆزلەشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن. گېڭ شۇئاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدىكى پۈتۈن خەلقلەر «قانۇنلار بويىچە دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش ۋە «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ليەنخې ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، بەزى رادىكال كىشىلەرگە «تەربىيە بېرىلىۋاتقانلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ياكى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ بۇنداق بىر ئورۇننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.