ئون دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى ئۇيغۇرلار ئالاھىدە قەيسەرىگە بېرىپ، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى. 14-ئىيۇل فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدى. بۇ ۋەكىللەر ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە بېرىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىغان بۇ ھال سوراش پائالىيىتى بۈگۈنمۇ داۋاملاشماقتا. بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ۋەكىلى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن دىلشات ئىسلام ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 15-ئىيۇل كۈنىدىن بۈگۈنگىچە ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، نورۋېگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى قاتارلىق 10 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۈزىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە، كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سوراش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەيسەرىگە بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن گۈلمىرە خانىم مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىر كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى، خۇددى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرگەندەك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

قەيسەرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن دىلشات ئەپەندى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىقىنىڭ ۋەتەنداشلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىشەنچلىك يەرلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-2015-يىللىرىدا تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن 7 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۈركىيەگە قوبۇل قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە دۆلەتنىڭ قورۇ جايىدا تۇرماقتا. بۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇرراق ۋەتەنداشلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.