خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا «ئانارخان» سەھنىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئارقىسى ئۈزۈلمەيۋاتقان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇپ بولالمايۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدېئولوگىيە سېپىدىكى جەڭنىمۇ بىر بالداق كەسكىنلەشتۈردى.

يېڭىدىن ئىشلەنگەن كونا فىلىم «ئانارخان» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە قويۇلۇشى، مانا بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشىدىن بىر سەھنىدۇر. خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسىنىڭ فىلىم ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىدا، فىلمنىڭ مەقسىتى خىتاي كومپارتىيسى ۋە ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۆھپىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە رايوندىكى يەرلىك خەلقەرنى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ھىمايە قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئىكەنلىكى ئاشكارا بايان قىلىنغان. ئەمما فىلىم قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر توربەتلىرىدە توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتقان مىڭلارچە ئىنكاسلار، بولۇپمۇ ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك فىلىمگە لەنەت ياغدۇرۇلۇشى خىتاينىڭ «ئانارخان» فىلمىدە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇردىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

فىلىم ھەققىدە ئىنكاسلار ئۈزلۈكسىز يېزىلماقتا. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەر فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈپلا فىلىمدىن نەپرەتلەنگەن ۋە يىرگەنگەن. نەتىجىدە فىلىمنىڭ داۋامىنى كۆرۈشتىن ۋاز كەچكەن. بىر قىسىم كىشىلەر تېرىككەن ۋە بۇغۇققان ھالدا فىلىمنى باشتىن - ئاخىر تەنقىدىي كۆز بىلەن ۋە ياكى مەسخىرە نەزىرى بىلەن كۆرۈپ چىققان. فىلىمنى كۆرۈپ غەزەپلەنگەن بەزى كۆرەرمەنلەر فىلىمنى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە لەنەت ياغدۇرسا، بەزىلەر فىلىمدە رول ئالغان ئارتىسلارنى ئەيىبلىگەن. بەزى ئىنكاسچىلار فىلىمنى «مىڭە يۇيۇش پارشۇگى» دەپ تەنقىد قىلسا، بەزىلەر «تېتىقىسز قىزىل ناخشا» دەپ مەسخىرە قىلغان. بەزىلەر فىلىمنى پىكىر بايان قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان سۈپەتسىز بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئوخشاتسا، يەنە بەزىلەر فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غورۇرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قاراپ، فىلىم ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. فىلمدىكى ئانارخاننىڭ دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇلۇشى، ياشانغان بوۋاينىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر تاماشىبىنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغۇچىلار، بۇنداق ۋەقەلەر يەنى جىدەللەردە ئەر - ئايال ئايرىمايدىغان، چوڭ - كىچىك پەرقلەندۈرمەيدىغان ئادەتنىڭ پەقەت خىتايلاردىلا بارلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇ خىل نۇقسانلارنىڭ بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە فىلىمدە ئانارخاننىڭ يىگىتىنىڭ يۇرت بەگلىرىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ يالۋۇرۇشىمۇ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. بۇ تۈر تەنقىدلەردە، ئىنساننىڭ ئالدىدا تىزلىنىش ۋە شاپائەت تىلەشنىڭ ئىسلام ئېتىقادىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنىپ، فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلەي غەيرىيلەشتۇرۇلگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان ئىزچى ناملىق بىر تورداش، «بۇ كۈرۈنۈشلەر، خىتايلار ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر ئارتىسلار تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈشى» دەپ يازغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇربىز تور تەھرىراتى، مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى جەھەتتە ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولالماسلىقىنىڭ ئاقىۋىتى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر توربەتنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولماسلىقىدەك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى كەمسىتىدىغان فىلملەرنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز ئارتىسلىرىغئا ئوينىتىپ، ئۇنى يەنە ئۇيغۇر مىللىتىگە قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ھاقارەتنىڭ ھېچقاچان جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇيغۇربىز تورى يەنە، ئانارخان فىلىمىدە، ئۇيغۇر تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مىللىي خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلەي بۇرمىلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، فىلىم رېجىسسورىنىڭ، ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسىنى قىلچىمۇ كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. فىلىم ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستلىرىدىن فەيسبوكتىمۇ تەنقىدلەر داۋاملاشماقتا. تەنقىدلەردىن بىرىدە، يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەر، شەرقى تۈركىستاندىكى ئاساسى زىددىيەتنىڭ بۇرمىلىنىشى دېيىلگەن. بۇ ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، شەرقى تۈركىستاندىكى ئاساسلىق مەسىلە بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، بەگلەر بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى مەسىلە ۋە زىددىيەت؛ فىلىمدە مانا بۇ نۇقتا باشتىن - ئاخىر بۇرمىلانغان ۋە ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇلغان. فىلىمدە كۆرسىتىلگەن خىتاي دوختۇرنىڭ مۇلايىم تەبىئىتىمۇ توردىكى ئىنكاسچىلار تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا پۈتۈنلەي سۈنئىي دەپ قارالغان؛ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەرقانداق بىر خىتاي كۆچمەننىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرغا ئىللىق كۆرۈنمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە يىرگىنىشلىك ياكى ئېتىۋارسىز كۆرۈلىدىغانلىقى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ فىلىمدە پەدەزلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسىنىڭ فىلىم ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىدا، فىلىمدا، يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بەخت - سائادەتكە ئېرىشكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن دېيىلگەن. ئېنىقكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەش، بۇ فىلىمگە مەبلەغ سېلىش ۋە بۇ فىلىمنى مەخسۇس سورۇن تەشكىللەپ قويۇشىدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاي كومپارتىيىسىگە رازىمەنلىك بىلەن ئەگىشىشكە، خىتاي ئارمىيىسىگە قارشى تۇرماسلىققا ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا، خىتاي ئانارخان فىلىمى ئارقىلىق بۇ مەقسىتىگە يېتەلىدىمۇ؟ يەنى ئۇيغۇر تاماشىبىنلار، بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردىن خىتاي كۆتكەن شەكىلدە تەسىرلەندىمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى فىلىمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يېزىلغان يۇقىرىقى ئىنكاسلاردىن باشقا يەنە، بىرقانچە كۈندىن بېرى توربەتلەردە تارقالغان تۆۋەندىكى بىر شىئىردىمۇ ئېنىق كۆرۈلمەكتە:

ئەرلەرنىمۇ چانايمەن، ئايالنىمۇ چانايمەن،
رولنى ياخشى ئالمىغان ئارتىسلارنى چانايمەن؛
سوراپ باقسام ئۇلاردىن ئۇيغۇر دەيدۇ ئۆزىنى،
كۆرۈشكەنلەر ئىشىنەر، ئاڭلاپ باقسا سۆزىنى،
تەسىرىگە قارىماي، تۆكسە ئۇيغۇر يۈزىنى،
ئارتىس ئىكەن دېمەستىن ھەممىسىنى چانايمەن!


مىللەت يۈزىنى تۆككەن «ئانارخان »نى چانايمەن،
گەر تۈزىمىسە ئىستىلىنى ھەممىسىنى چانايمەن،
ئەل كۆتۈرسە قوشقوللاپ، تۆكۈرۈپ ئەل يۈزىگە،
ۋىجدانىنى بەش پۇلغا ساتقانلارنى چانايمەن!


نېمە سەۋەب يازدىكىن بۇ كىنونى سىنارىس،
يامان گەپكە ئوت كېتىپ، بولدى ئاكتىپ بالانىس؛
كۆرۈپ مەنمۇ مىڭەمدىن چىقتى تۈتۈن قارا ئىس،
دانىشمەنگە قېتىپ ھەم سىنارىسنى چانايمەن!


بۇنى يەنە ئوپىراتور نومۇس قىلماي ئاپتۇمىش،
كامىراغا توغرىلاپ ھەر نەرسىنى ساپتۇمىش،
بۇنى كۆرگەن يات ئەللەر بىزنى يامان دەپتۇمىش،
ئوپىراتور، چىراقچى، جابدۇقچىنى چانايمەن!


ئۆزى ئۇيغۇر تۇرۇپمۇ، يول قويۇپتۇ، ئارتىسلار،
پەزىلىتى يەر بولۇپ، ئېچىلىپتۇ نومۇسلار،
ئىچنى سىقتى ناھەقتە گۆشتەك قاراپ تۇرۇشلار،
يەكسان قىلغان ئۇيغۇرنى، ئارتىسلارنى چانايمەن!


بۇ ساھەدە بار ئىدى، كۆپلەپ ئالىم، زىيالىي،
بىز نومۇستا قالغاندا ئۇلار يۈردى خىيالى،
سەركە كۆرۈپ ئۇلارنى كۆرگەن ئىدۇق، ئەڭ ئالىي،
سۆزلىمىگەن بىر ھەق گەپ زىيالىينى چانايمەن!


توغرا دەيسىز شائىرىم، يۈزى بارمۇ ئۇلارنىڭ؟
تارىخقا بىر قاراشتا كۆزى يوقكەن ئۇلارنىڭ،
پۇلنى دەپلا رول ئېلىپ زامان بولدى شۇلارنىڭ،
تارىخلارنى يەكلىگەن ئاكتىپلارنى چانايمىز!


كەلسە ئەگەر بىر پۇرسەت بىلەت تاشلاپ تاللاشقا،
ۋاقتى يوقتۇر پېقىرنىڭ، ئارتىسلارنى ساناشقا،
پىچاق زايە كېتىدۇ، ئۇنداقلارنى ساناشقا،
قان چىقارماي ئۇلارنى شىئىر يېزىپ چانايمەن.


(ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى شىئىردا «چانايمەن» دېگەن سۆزنىڭ سىمۋوللۇق مەنىدە، يەنى فىلىمنى ئىنكار قىلىش ۋە ئەيىبلەش مەنىسىدە قوللىنىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز.)

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئىنكاسلاردىكى غەزەپ ۋە نەپرەتلەر، بولۇپمۇ، ئىنكاسلارنىڭ ھېچبىرىدە فىلىمنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان سۆز ئىبارىلەرنىڭ بولماسلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات جېڭىدا «ئانارخان» سەھنىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.