خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى سەيشەنبە كۈنى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن رايوندا «مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك» قوغداش ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى تەقىب قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بولسا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى يۇمشاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنتاگون خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى، بۇ دېڭىز يولىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق بىر يوللۇقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر چارلىغۇچى ئايروپىلان چىقىرىپ، خىتاي ياساۋاتقان سۈنئىي ئاراللار ئۈستىدىن ئۆتكەن ئىدى. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاينىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى داۋام قىلسا، خىتاينىڭمۇ ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى داۋراڭ سالدى. يەنە ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپلا خىتاي ئىغۋاگەر تۈس ئالغان ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۇ يەردىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، ۋاقتى كەلسە ھۇجۇم قوزغاشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاينىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ خىتاي ھازىرغىچە ئېلان قىلغان ئەڭ كەسكىن ھەربىي ماتېرىياللىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «بىز خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشتىن توختاپ قالمايمىز» دېدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جېف راسكې ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابتىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكلىرىنى كۆزىتىشنى توختىتىپ قويمايدۇ. بىز خىتاينى ھەربىي كۈچى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز» دېدى.
چارشەنبە كۈنى بولسا خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئەسلىدە ھەربىي جەھەتتىكى ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى قوللاش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئالدىنقى ماقالىسىدە «ئامېرىكا ئەگەر خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلسا، بىزمۇ ئۇرۇش قىلىشتىن توختاپ قالمايمىز» دەپ يازغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتىمۇ دەرھال پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ «بۇ كىتاب ھەربىي ئىشلاردىكى ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز بۇ كىتابنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يازغان. ماقالىدە يەنە، خىتايغا ئوخشاش زورىيىۋاتقان كۈچىنىڭ باشقا زور كۈچلەرنى بىئارام قىلىشىنىڭ تەبىئىي ئەھۋاللىقى، شۇڭا خىتاينىڭ ھەرقانداق مەسىلىنى دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ھەر ئىككىلا تەرەپكە مەنپەئەت يېتىدىغان بىر شەكىلدە ھەل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، برۇنى، تەيۋەن قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ۋە رايونلار ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان رايوننىڭ تامامىنىڭ دېگۈدەك خىتايغا تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي قىسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە دەتالاشتىكى رايونلارغا سېلىۋاتقان ئارىلىنى 2000 گېكتارغا يەتكۈزۈپ بولغان. يەنى بۇ 1500 دانە پۇتبول مەيدانىغا توغرا كېلىدىكەن.
ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابىنى «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» جار سېلىش، دەپ قارايدىكەن. بىراق ۋاشىنگتوندىكى يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاترىك كرونىن ۋاشىنگتون ۋاقتىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تىكلەشتىكى ئاستا خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنىڭ داۋام قىلىشىغا يول قويۇلغان تەقدىردە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىغا پۇختا ئاساس سېلىۋالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ گەرچە خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى بىر «جەڭ ئېلانى» دەپ قاراشقا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەشنى، ھەربىي كۈچى ئارقىلىق كىچىك دۆلەتلەرگە پوپوزا قىلىپ، ئۇلارنى كەينىگە چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا پاترىك كرونىن ئەسكەرتىپ «ئامېرىكا چوقۇم رايوندىكى ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ۋە بۇ ئارقىلىق فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان ياردەمنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكا چوقۇم خىتاي ئۆزىنىڭ داۋاتقان دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدە داۋاملىق ئايروپىلان ۋە پاراخوت چىقىرىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشنى داۋام قىلىشى كېرەك» دېگەن.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بىردەك، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ كەسكىن بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دەتالاشتىكى سۇدا قىلىۋاتقان ئىغۋاگەر ھەرىكەتلىرىگە قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە ئىككىلىنىپ قالغان تەقدىردە، بۇنىڭ خىتايغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن بىلەن تەڭ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ھەم شۇنداقلا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتىبارى ئۈچۈنمۇ چوڭ زىيان» دەپ كۆرسەتمەكتە.