1- ئىيۇن خىتاي دۆلەت كابېنتى نامىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى 8 ماددىغا بۆلۈپ شەرھىلەنگەن. ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ھەقىقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا بايان قىلىنغاندەك، يەرلىك خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا يۈرگۈزۈلۈۋاتامدۇ؟
خىتاي دۆلەت كابىنتى تەرىپىدىن 2017-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا خىتايدا «1955-يىلى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىندى» دېيىلگەن.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا 1978-يىلى خىتايدا باشلانغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلگەن» لىكى تەكىتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1980-يىللاردىن كېيىنكى سىياسىتىدە ،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدە مەزكۇر رايوندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇق، جەمئىيەت ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى، ئاياللار-بالىلار، مەجرۇھلار ھوقۇقى قاتارلىق 8 جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقىقا كاپالەتلىك قىلىشلا ئەمەس بەلكى ھەر مىللەت خەلقى بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى بارغانچە مۇكەممەللەشتۈرگىنى مەدھىلىگەن.
خىتاي ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان 1-ماددا يەنى ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي ھوقۇق قىسمىدا ، 1955-يىلدىن بۇيان تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۇيغۇر، خىتاي،تۇڭگان، موڭغۇل، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، تاتار، شىۋە، داغۇر، رۇس ، تۇۋا قاتارلىق 13 مىللەت بار دېگەن قېلىپلاشقان سۆزنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتە مەزكۇر ئاپتونوم رايونىدا 56 مىللەتنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، 2013-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يىغىنغا قاتناشقان 60 نەپەر ۋەكىلدىن 38 نەپىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 63.3% نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، شۇ يىلى ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 550 نەپەر ۋەكىل ئىچىدە 363 ۋەكىلنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ 66%نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە نەقىل ئالغان. ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا خىتاي مىللىتىدىن بولغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ئەمەلىي ئەھۋال ھەققىدە توختالمىغان.
خىتاينىڭ بەيدۇ تور ئامبىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تەركىبىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدىكى 20 نەپەر ئەمەلدارىدىن 7 نەپىرى ئاز سانلىق، باشقا 13 كىشى خىتاي مىللىتىدىن بولغان، ئوبلاست، ۋىلايەتلەردىكى پارتكوم سېكرىتارلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئەمما مۇئاۋىن رەئىسىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، سىياسىي، ئىقتىسادىي قارارلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلىقى، بەيدۇ تور ئامبىرىدىكى ئىش تەقسىماتى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى مۇشۇ خىل سان-سىپىرلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى ۋە ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردىكى رەھبەرلىك قاتلىمى، ئاپتونوم رايوندىكى نازىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى سانىدا، رايوندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولۇۋاتقان كادىرلار سانىدا خىتاي مىللىتىدىن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇقلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئەمەلدارلىرى تىزىملىكى ۋە ئىش تەجسىماتىدىنلا، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدىكى ئاتالمىش سىياسىي ھوقۇق، ئىقتىسادىي ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى قاتارلىقلاردىن ھېچقاچان بەھرىمەن بولمىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان»لىقى مەدھىلەنگەن بولۇپ، 1978-يىلدىن 2016-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەبلىغى زورىيىپ، كىشى بېشىغا كېلىدىغان دارامەتنىڭ 1978-يىلدىكى 313 سومدىن 28 مىڭ 463 سومغا كۆتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما بۇ بايانلاردا خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيىلەرنىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى ئەڭ نامرات رايونلار تىزىملىكىدە ئىكەنلىكى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ھەر يىلى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە پەقەت خوتەن تەۋەسىدىنلا 100 مىڭ نەپەر ياش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە 30 مىڭ دېھقان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى زاۋۇتلار ۋە بىڭتۈەندىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ.
ئامېرىكا نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفىسسورى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شىيا مىڭ ئەپەندى مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىدىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىسىتراتېگىيىلىك پىلانىدىن بەھرىمان بولغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھوقۇقسىز،ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
شىيا مىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكى مەدھىلىنىپتۇ. ئەمما 2010-يىلى ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر ئاستى - يەر ئۈستى بايلىقى 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى شىركەتلەرگە ئېچىۋېتىش ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىلدى. خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇھىتنى بۇلغايدىغان زاۋۇت-كانلاردىن خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ شىركەت خوجايىنلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەبلەغ سالغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇماتنى خىتاي تورلىرىدىن تاپالمايسىز. نۆۋەتتە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېڭەيتىلگەن شەكلى بولۇپ، بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەنپەئەتىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەقسەتنى نىشان قىلغان.»
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئاق تاشلىق كىتابتا تىلغا ئېلىنغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلغان ساختا مەلۇماتلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا سىياسىي ھوقۇقىدىنلا مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ قالماستىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، ئىشسىزلىق نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.