مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.11.19
xitay-qoralliq-kuch-manewir.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 8-ئىيۇل، قۇمۇل.
Reuters

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى قوغدىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابى ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى سەۋەبلىك قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراپ، مىليونلارچە كىشى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان، كوممۇنىزم ئىدىيەسى بىلەن ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر شارائىتتا ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ «رايوندا دىن ۋە مەدەنىيەت ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى» دېگەن 3-بۆلۈمىدە «شىنجاڭنىڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىل دىن ۋە مەدەنىيەتلەر ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن رايوندىكى پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى قوغدالدى. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئائىت كىتابلار نەشر قىلىندى. ھەر مىللەت ئېتىقادچى ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى» دېيىلگەن. قاھار بارات ئەپەندى بۇ بايانلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رايوندا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يالغانچىلىق تەشۋىقاتى، خالاس» دېدى.

قاھار بارات ئەپەندى 1980-يىللاردا مۇھەممەد سالىھ تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ كېيىنكى يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىلىپ ۋە قايتا سىياسىي سېنزوردىن ئۆتكۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

قاھار بارات ئەپەندى يەنە بۈگۈنكى شى جىڭپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىدا «قۇرئان كەرىم» گە ئوخشاش مۇقەددەس دىنىي كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، ئۇنى تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد سالىھ داموللامغا ئوخشاش دىنىي ئۆلىمالارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشتەك قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىنى تەكىتلىدى.

قاھار بارات ئەپەندى مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىدەك تارىخىي مەسچىتلەرنىڭ ياخشى قوغدىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى لاپلار بىلەن تولغانلىقىنى، بۇ بايانلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى بۇ زېمىندا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىگەندىن بۇيان رايوندىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت- جامەلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇغان مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەر چېقىلىپ ئورنى خىتاي تىجارەتچىلىرىگە بېرىلگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ كىيىم تىكىدىغان كارخانىلارغا، بەزىلىرىنىڭ بولسا ھەتتا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، «ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابتىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرى،» دېدى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتكە ھېساب بېرىش يۈزىسىدىنلا «ئۇيغۇر قاتارلىق رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى قوغدىلىۋاتىدۇ» دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ «خىتاينىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلىرى مەيلى خىتاي ئىچىدە بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن، ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ،» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.