مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارشى ئىنكاس قايتۇردى (3)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.11.21
kocha-mashina-charlash-tekshurush.jpg ساقچىلارنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىشقا ئىشارەت بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 21-سېنتەبىر، خوتەن.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتى 15-نويابىر كۈنى «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ قوغدىلىشى ۋە تەرەققىياتى» نامىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ «رايوندا مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە راۋاجلىنىش ۋە تەرەققىيات بارلىققا كەلدى» دېگەن 5-بۆلۈمىدە «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى نەتىجىسىدە رايوندىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت ساپاسى كۆتۈرۈلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدە گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداشقا ئېرىشتى،» دېيىلگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە «رايوندا ناھىيە دەرىجىلىك كۇتۇپخانىلار، يېزىلاردا مەدەنىيەت ئۆيلىرى بارلىققا كەلدى، رادىيو-تېلېۋىزىيەنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى 97 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلدى، نەشرىياتچىلىق تەرەققىي قىلىپ، 126 خىل گېزىت، 223 خىل ژۇرنال نەشر قىلىندى، رايوندا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت تور ئالاقىسى ئومۇملاشتى،» دېيىلگەن.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندىن بۇيان يولغا قويغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدىكى گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىنى يەرلىك خەلققە سىڭدۈرۈش، رايوندىكى مىللىي مەدەنىيەتنى پەيدىن-پەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلغان ئىكەن.

دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا «رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىقى يۇقىرى تەرەققىياتقا ئېرىشتى» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي تىل-يېزىقتىكى كىتاب-ژۇرناللار ۋە نەشرىياتچىلىق يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولماقتىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان كىتاب-ژۇرناللارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر يېقىنقى يىللاردا بارغانچە كۈچەيتىلگەن. 2017-ۋە 2018-يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نەشرىياتلار بىر پارچىمۇ ئۇيغۇرچە كىتاب نەشر قىلمىغان. يازغۇچىلار، ئاپتورلار ۋە تەھرىرلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە تاشلانغان.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئىپادىلەنگەن ھەرقانداق نەشر بۇيۇمىنى چەكلەش ئوبيېكتى قىلغان. بۇ جەھەتتە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان كىشىلەرنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرغان.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆيىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ۋە ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاب-ماتېرىيال ياكى ئۈن-سىن بۇيۇملىرى تېپىلغانلار ياكى تېلېفوندا چەكلەنگەن ئۇچۇرلار بايقالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. شۇ سەۋەبتىن ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ياكى ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنى ساقلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئارىسىدا مەدەنىيەت-سەنئەت، گېزىت-ژۇرنال ۋە نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە خىزمەت قىلغان كۆپ ساندىكى ئىلمىي خادىملار، تەھرىرلەر، يازغۇچى-شائىرلار، ئارتىسلار ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ 6-بۆلۈمىدە يەنە «شىنجاڭ-جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئاساسلىق دەرۋازىلىرىدىن بىرى. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن رايوندا كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شارائىتى بارلىققا كەلدى. رايوننىڭ مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى خەلقئاراغا يۈزلەندى» دېيىلگەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ئاتالمىش مىللىي سەنئەتنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان ۋە خىتايلاشتۇرۇلغان مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىدىغان سىياسىي تۈستىكى سەنئەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ساھەسىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئابدۇقېيىم ئىمىن، ئابدۇرېھىم ھېيت، ئابلاجان ئايۇپقا ئوخشاش سەنئەتكارلارنىڭ تۈرمە ياكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ 6-بۆلۈمىدە يەنە «رايوندا يىپەك يولى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەلۋېغى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدە چەتئەللەر بىلەن بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرى تۈزۈلۈپ، چەتئەللەردە بىلىم ئېلىش ۋ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ رايونغا كېلىپ ئوقۇش شارائىتلىرى ياخشىلاندى،» دېيىلگەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە رايوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇن نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بايانىدا 2016-يىلدىن ھازىرغا قەدەر مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سانىنىڭ يۈزدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق تاراتقۇلار 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مىسىر قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلارغا «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىدە زەھەرلەنگەن» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 2016-يىلدىن كېيىن بالىلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقارغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.