«ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش» كادىرلارغىمۇ ئېغىر بېسىم بولماقتا
2014.03.05

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىلدىن باشلاپ 3 يىلغا قەدەر، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىن جەمئىي 200 مىڭ كادىر ۋە خادىمنى «ئەل رايىنى ئىگىلەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتى نامىدا ئاساسىي قاتلاملارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە 70 مىڭغا يېقىن كادىر ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىشكە باشلىدى.
ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشىدىغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەزىپىسى 6 ئايدىن بىر يىلغا قەدەر بولۇپ، گەرچە دائىرىلەر بۇ خىل ۋەزىپىگە كادىرلارنىڭ ئىختىيارى ھالدا تىزىمغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش ۋەزىپىسى تۇيۇقسىز ۋە بۇيرۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىكەن، ئىنكاسلاردىن دائىرىلەرنىڭ كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈش سىياسىتىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگىمۇ زور بېسىم، خاتىرجەمسىزلىك ۋە تۇرمۇش قولايسىزلىقلىرىنى يارىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەبەدى ئەمىنلىكنى ساقلاش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 70 مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش 5-مارتتىن بۇرۇن ئەمەلىيلىشىپ بولىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت ئاساسىي قاتلامغا تەربىيىلەشكە چۈشۈرگەن كادىرلارغا ئاساسىي قاتلاملاردا«...كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش،زامانىۋى مەدەنىيەتكە باشلامچى بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىن بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش،تۈرلۈك مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ ئەبەدى ئەمىن ئۆتۈشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش...» دېگەنلەرنى ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ يۈكلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئاساسىي قاتلامغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشتىكى مەقسەت «ئورگان كادىرلىرىنى چېنىقتۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ روشەن كۆزى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش» دەپ تەكىتلىمەكتە.
ئاپتونوم رايونلۇق مەلۇم ئورگاندىن خوتەننىڭ مەلۇم يېزىسىغا چۈشكەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كادىرنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى خىزمەت نۇقتىلىرىدا زىيارەتكە بېرىش، سۆھبەتلىشىش، ئەمەلىي تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارغا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، مەسئۇلىيەت رايونىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇۋېلىش، نۇقتىنى كۆتىرە ئېلىشنى بۆلەك (كوچا) لەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىلەرگىچە ئالاقىلىشىش تورى بەرپا قىلىدىكەن. كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئېتىز-ئېرىق بويلىرىغا بېرىپ، كۆتىرە ئالغان بۆلەكتىكى ئاھالىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، كىرىم مەنبەسى، ئىجتىمائىي پائالىيىتى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ، يېزىلاردىكى زىددىيەت، ماجىرالار بويىچە «قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا» مەسىلىلىرىنى ئىگىلەش، ئەل رايى ئۇچۇر دەپتىرى تۇتۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش يوشۇرۇن خەۋپى، بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپ، بىخ خاراكتېرلىك ۋەقە قاتارلىق تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ھەر ھەپتىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى، كەنت ۋە يېزا-بازارلارغا ئىنكاس قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتەك خىزمەت تاكتىكىلىرى بويىچە تەربىيىلەنگەن.
بۇ كادىر گەرچە بالىسى تېخى ياشقا توشمىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىنى تاشلاپ بۇ ۋەزىپىگە چۈشۈشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ۋەزىپىنى رەت قىلغاندا، بۇندىن كېيىنكى ئىستىقبالىنىڭ زور تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىغا گۇمان پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورگانلاردىن بۇ قېتىم جەنۇبقا بىر يىللىق خىزمەتكە ماڭغان نۇرغۇن كادىرلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسىنى تاشلاپ تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ۋەزىپىنىڭ ئۇلارغا روھىي، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە نورمال ئائىلە مۇناسىۋىتى، ھاياتىغىمۇ ئوخشىمىغان سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
خىتاي ئېيتىۋاتقان «ئىناق جەمئىيەت» نىڭ بەرپا بولۇشى، ئالدى بىلەن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىدىن باشلىنىدۇ ئەلۋەتتە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق كادىرلارنى قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتىنىڭ كادىرلارنىڭ ئائىلە ئىناقلىقى، تۇرمۇش خاتىرجەملىكىگىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق يارىتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.