كەنت كادىرلىرى ساختا «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» چىقىرىپ، ئىزدەۋاتقان «نىشان» نى قايتۇرۇپ ئەكەلگەن

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا، كەنت كادىرلىرى ئۆز تەۋەسىدىن ياقا يۇرتلارغا كېتىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان.

بولۇپمۇ «دىنىي ئەسەبىي» ياكى «نۇقتىلىق نوپۇس» دەپ قارالغان ئائىلىلەرنىڭ ياقا يۇرتلارغا كېتىپ قالغان بالىلىرى بۇ قېتىملىق ئارخىپ تۇرغۇزۇشتا ئاساسلىق «ئىزدەش نىشانى» قىلىنغان.

ئۆز كەنتىدىكى ئېغىر بېسىم تۈپەيلى ياقا يۇرتلارغا بېشىنى ئېلىپ كەتكەن بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە ئۆزى توغرىلىق چىقىرىلغان «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» نى كۆرگەن. مەزكۇر ئېلان ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نامىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «دادىسىنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئاخىرقى كۈنلىرى قالغانلىقى، سەكراتتىكى ئاتىنىڭ ئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى» ئۆتۈنۈپ يېزىلغان.

مەزكۇر ئېلاننى كۆرگەن ئوغۇل قۇمۇلدىكى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يېرىدىن دەرھال يولغا چىقىپ، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە قاراشلىق يېڭىئېرىق يېزىسىغا قايتىپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئۇ قايتىپ كەلگەن ھامان كەنت دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن.

ئەسلىدە ئۇنىڭ دادىسى ساق-سالامەت بولۇپ، ئوغلىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان قەيەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنلىكىنى كەنت كادىرلىرىغا دەپ بېرەلمىگەچكە يېزا ساقچىخانىسىغا قامالغان ۋە گۆرۈ ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىكەن.

بىز مەزكۇر «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» دىكى ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ ساختا «ئېلان» نىڭ سىرى پاش بولدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغۇچى ئەسلىدە ئاۋات ناھىيەسىدىن يېڭىئېرىق يېزىسىغا «مۇقىملىق» خىزمىتى ئۈچۈن چۈشكەن كادىر بولۇپ، ئۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە «نىشان» نى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئىكەن.

دېگەندەك، ساختا «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، يىللاردىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان «نىشان» ئاخىرى ئۆز ئايىغى بىلەن كەنت دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.