ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى يوقىلىش كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلارنى كەسپىي دوختۇرلۇق لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئىمتىھانىنى خىتاي تىلىدا بېرىشكە زورلىشى بىلەن يوقىلىش كرىزىسىغا دۇچ كەلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 14-، 15-كۈنلىرى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ئىمتىھانى بىر تۇتاش ئېلىنغان بولۇپ، ئىمتىھانغا خوتەندىكى دوختۇر سېسترالار ۋە ئابدۇمىجىت ئابلىز، ئوبۇل ھەسەن داموللا، مەمەت ئابدۇللا، ھىمىت ئېمەي سەيدۇللا، ئابدۇ مۇتەللىپ مەتتۇردى، ئېلى قۇربان، ئابدۇجېلىل ئابدىل، يۈسۈپ ئابدۇغېنى قاتارلىق 8 تېۋىپ قاتناشقان. ئىمتىھان سوئالى جەمئىي 600 نومۇرلۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 120 نومۇرلۇق سوئال خىتاي تىلىدا چىقىرىلغان. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى ئەجدادلىرىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆگەنگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان بۇ سەككىز تېۋىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان خىتاي تىلىدا ئىمتىھان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن 120 نومۇرلۇق سوئاللارنى ئاق قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

بىز بۇ توغرىدا تېۋىپ ئابدۇمىجىت ئابلىزغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.