يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئۈرۈمچى، كۈنمىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى پويىز ۋوگزالى ۋە ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن ئاممىۋى سورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە «تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش»نامىدا قوراللىق ساقچى - ئەسكەرلەر كۆپەيتىلىپ تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى.
بۇ ئەھۋال پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپ نارازىلىق قوزغىغاندىن باشقا، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خەلق باغچىسىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازارغا پارتلاتقۇچ بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ۋەزىيەت جىددىيلىشىپلا قالماستىن، بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەر ئۆلكىلىرىدىمۇ ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، ئاممۋى سورۇنلاردىكى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، باشقا جايلاردىمۇ بۇ خىل پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا، بولۇپمۇ ئايرودروم، پويىز ئىستانسىسى، يولۇچىلار بېكەتلىرى، سودا مەركەزلىرى قاتارلىق جايلاردا قوراللىق ساقچىلار، ساقچى ئاپتوموبىللىرى قاتارلىقلار كۆپەيتىلىپ، پۇقرالارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇچۇر - ئالاقە ۋاستىلىرىنى كونترول قىلىپ، يالغان خەۋەر، ۋەھىمىلىك خەۋەرلەرنى تارقاتقۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يەنىلا ھەر خىل ۋەھىمىلىك خەۋەرلەرتارقالغان.
خىتاينىڭ بېيجىڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ 26 - مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23 - مايدىن باشلاپو بېيجىڭ شەھەر كوچىلىرىدە ئالاھىدە ساقچىلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى كوچا چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى 3 ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، كوچا ئايلىنىپ چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ، ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سودا مەركەزلىرى ۋە ئاممىۋى قاتناش بىكەتلىرىنىڭ نۇقتىلىق قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. خەۋەردە يەنە كوچا چارلاۋاتقان ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئوق چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
بېيجىڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالاھىدە قىسىم ساقچى ئەترىدىنىڭ شيا شۇڭۋېي ئىسىملىك كوماندىرىنىڭ«بىز بېيجىڭ شەھىرىدىكى سودا مەركىزى، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، يەر ئاستى پويىز ۋوگزالى ۋە بۇ رايوندىكى 2 كلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى 11 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق. چارلاشقا چىققان ھەر بىر ئالاھىدە ساقچى خادىمىغا ئوق تارقىتىلدى. بىزگە تېررور گۇماندارلىرى بايقالسا، بىر مىنۇت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئالاھىدە ساقچى ئەترىدىنىڭ كوچا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان لى زىلۇڭ ئىسىملىك بىر كوماندىرى مۇخبىرغا «بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بىزگە تارقىتىلغان ئوق ئادەتتىكى مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيتىلدى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، تېررورلۇق يۈز بەرسە، ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا بىۋاستە ئوق چىقارساق بولىدۇ» دېگەن.
نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش بېيجىڭ پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ھەر خىل قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىللە يەنە، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتنىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاينىڭ دۇڭفېڭ تورىنىڭ 26 - ماي دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ يەر ئاستى پويىز يولىدىكى 6 چوڭ كىرىش ئېغىزىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر يولۇچىنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرۇپ قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ۋوگزالنىڭ كىرىش ئىشىگىدە ئۇزۇن ئۆچرەت پەيدا قىلغان. بۇ خىل تەكشۈرۈش سەۋەبىدىن خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىغا كېچىكىپ قېلىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. تەكشۈرۈشتىن بىزار بولغان بەزى يولۇچىلار تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ساقچىلار بىلەن تاكاللاشسا، يەنە بەزىلەر تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ، قولىدىكى سومكىلىرىنى ساقچىلارغا ئېتىپ جىدەل چىقارغان. خەۋەردە يېزىلىشىچە، تەكشۈرۈشتىن نارازى بولۇپ جىدەل چىقارغان بەزى يولۇچىلارنى قولغا ئېلىش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر نەپەر يولۇچى تەكشۈرۈش ئەسۋاپىنى ئۇرۇپ توختىتىپ قويغىنى ئۈچۈن، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە كۈچلۈك مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. بەزى تورداشلار بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، كىشىلەرنى سەۋرچان بولۇشقا چاقىرغان. ئەمما يەنە بەزى تورداشلار نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان بۇ خىل زىيادە قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، پۇقرالار ئارىسىدا ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.بىرەيلەن ئۆز ئەنسىرىشىنى مۇنداق يازغان«يولۇچىلارنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ قاتتىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۆچرەت پەيدا بولدى. بۇ سەۋەبتىن ئەگەر ۋەقە يۈز بەرسە كىشىلەرنى دەرھال تارقىتىش ۋە يولۇچىلارنىڭ قېچىش يوللىرى ئېتىلىپ قالىدۇ. ئۆچىرەتتە تۇرغان بىرەيلەننىڭ قاتتىقراق ۋاقىراپ قويۇشىمۇ يولۇچىلار ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، قېچىشقا ئۇرۇنغان ئادەملەر توپىدا دەسسىلىپ يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.» يەنە بىر تورداش بايانىدا «ئەگەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشقا تەييارلانغان ھۇجۇمچى ئۆچىرەتتە تۇرغان يولۇچىلار ئارىسىدىلا ئۆزىنى پارتلاتسا، ئۇ ھالدا تۆمۈر رىشاتكا ئارقىسىدا تۇرغان ھەرقانداق بىر يولۇچىنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس!» دەپ يازغان.
1 - مارت كۈنمىڭ پويىز ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى سودا مەركەزلىرى ۋە يەر ئاستى پويىز ۋوگزاللىرىدا كىشىلەردىكى ۋەھىمە سەۋەبىدىن دەسسىلىپ يارىلىنىش، ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مەسىلەن، بۇ يىل 3 - ئاي مەزگىلىدە شاڭخەي يەر ئاستى يولىدا قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن پۇتى دەسسىلىپ چىقىراپ كەتكەن بىر ئايال سەۋەبىدىن يەر ئاستى پويىز ۋوگزالىدا پاتپاراقچىلىق يۈز بېرىپ، 10 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. گۇاڭجۇ يەر ئاستى يولىدا بىرەيلەننىڭ «پىچاقلىق ھۇجۇمى يۈز بەردى!»دەپ ۋاقىرىشى سەۋەبلىك، قېچىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەر يەر ئاستى پويىز يولىنىڭ ئىشىكىدە قاپسىلىپ قېلىپ، دەسسىلىپ يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدىكى بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار بايانىدا خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەش ۋە ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قارىلاپ تەسۋىرلىشىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپلا قاماستىن، بەلكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
0:00 / 0:00