«7 گە رۇخسەت قىلماسلىق بەلگىلىمىسى» نارازىلىق قوزغىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تارقىتىلغان «7 گە رۇخسەت قىلماسلىق بەلگىلىمىسى» تور بېكەتلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.02.05

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى رەسىملىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 7 بەلگىلىمە: ماركسىزملىق ئاتىزم تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق؛ دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك؛ قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە دىنىي تەشۋىقاتلارنى تارقاتماسلىق؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولماسلىق؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىللە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرنى يادقا بىلىشى ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

سىننا، سۇخو قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىدا، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ھەم دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى بار» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئاياق-ئاستى قىلىدىغان قىلمىش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.