ئۇيغۇرلار يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئوبېكتى قىلىنماقتا

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى يۇقىرى بېسىملىق تەشۋىقات جېڭىنى قانات يايدۇرغانلىقى مەلۇم.

22-ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن دائىرىلەر «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» قا قارشى تۇرۇش نامىدا ئومۇميۈزلۈك «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، پۈتۈن تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ كەڭ كۆلەملىك ئىدېئولوگىيىلىك تازىلاش تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 23-ماي سەھەردىن ئېتىبارەن «نۆل نۇقتا» دىن باشلانغان ۋە بىر يىلغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا ئۇيغۇرلار دائىرىلەرنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوبيېكتى قىلىنماقتىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي تەشۋىقات ئوپېراتسىيەسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىدىن تارتىپ ئاددىي پۇقرالارغىچە، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى داڭلىق زىيالىيلاردىن تارتىپ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەدەر سەپەرۋەر قىلىنغان.

ناھىيەلەردە ئاممىۋى قەسەمياد يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان

مەلۇم بولۇشىچە، 26-مايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» قا قارشى زور تىپتىكى ئاممىۋى قەسەمياد يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 26-ماي كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى «دولان خەلق سارىيى» دا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سەپەرۋەر قىلىنغان ئاممىۋى قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋىۋىسكىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىلىشتا ھەر ساھەدىكى ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ «دۈشمەن» گە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەمدە مۇقىملىقنى ساقلاش بويىچە كوللېكتىپ قەسەم بەرگۈزگەن.

شۇ كۈنى يەنە كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئارمىيە، ساقچى ۋە ئاممىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ قەسەمياد بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك خەلقنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭ بىلەن كۇچادىكى ھەر ساھە ئۇيغۇر ئاممىسى مەزكۇر پائالىيەتكە مەجبۇرىيەت ئاستىدا قاتناشقان.

ئالىي مەكتەپلەردە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر قوزغىغان بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك سىياسىي تەشۋىقات جېڭىدە ئالىي مەكتەپلەر شەك-شۈبھىسىزكى، ئەڭ مۇھىم تەشۋىقات سەھنىسى قىلىنغان.

30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن 11 نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىمزا قويغان «بىز ئەمدى سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز» سەرلەۋھىلىك ئوچۇق خەت «خەلق گېزىتى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سىياسىي ئىپادە بىلدۈرۈش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىلغان.

15-ماي كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تور بېتىدە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور گۈلنار غوپۇرنىڭ قەلىمى ۋە شۇ مەكتەپتىكى 214 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن «زىيالىيلارنىڭ دىنىي رادىكال كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىدىكى مەدەنىيەت ئويغىنىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە نۇقتىلىق ھالدا كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەشتىكى يېتەكچى كۈچكە ئايلىنىشقا چاقىرىق قىلغان.

22-ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئارقا-ئارقىدىن ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ دىنىي ئاشقۇنلۇق ھەمدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن. ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىلمىي ئورۇنلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئۆز نامىدا ماقالە يېزىش ياكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا پىكىر بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ تەشۋىقاتنىڭ سىرتىدا قالمىغان

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن. بۇ گۇرۇپپا 26-مايدىن ئېتىبارەن ۋۇخەن تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى باھارگۈل ئەخمەت ۋە باشقا بىرقانچە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىكەن.

باھارگۈل ئەخمەت ۋۇخەن تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە ئىسلام ئەقىدىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى «دىنىي ئاشقۇن كۈچ» لەرنىڭ «مېڭە يۇيۇش» خاراكتېرلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىرغان.

ئۇ لېكسىيەسىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن كۆپلىگەن قانلىق ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەسەبىي دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭغا ھەر بىر كىشىنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.