بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئاز بىر قىسىم راست گەپلەرمۇ بولۇنغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈن يەنى 11-مارت خەۋىرى ۋە فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەر رايوننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلاردىن يەرلىكنىڭ نۆۋەتتىكىدىن كۆپرەك پايدىلىنىشنى، رايوننىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىق مەسىلىسى يېپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە بىر تۇڭگان ۋەكىل ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نېفىت بايلىقى مىقدارى 30 مىليارد توننا بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئومۇمى نېفىت بايلىقىنىڭ 1/4قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ ھازىرقى مەۋجۇت نېفىت زاپىسى خىتاي بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ؛ تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارى 10 تىرىليون 800 مىليارد كۈپمېتىر بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ 34% ئىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئىشلىتىلمىگەن نېفىت زاپىسى خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۆلچەردىكى تەبىئىي كۆمۈر مىقدارى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ، خىتاينىڭ مۆلچەردىكى تەبىئىي كۆمۈر مىقدارىنىڭ 43% نى تەشكىل قىلىدۇ. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۇقىرىقى ئەۋزەللىكلەر رايوننىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمىدە كۆزگە چېلىققۇدەك نىسبەت ئىگىلىيەلمىگەن؛ يەنى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ يەرلىك مالىيەدىكى تۆھپە نىسبىتى 20% دىن ئاشمىغان. بۇنداق بولۇشىغا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بېجى 2010-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، مىقدارىغا قاراپ ئەمەس، باھاسىغا قاراپ ئېلىنىدىغان بولغان ۋە ۋە باج نىسبىتى 5% قىلىپ بېكىتىلگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، رايوننىڭ بايلىقىنى ئېچىشتا ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقى ۋە بايلىق چىققان ئورۇندىكى خەلقنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ تېخى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما خەۋەردە بۇ مەسىلىنىڭ قايسى ۋەكىل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇيغۇر رايون ۋەكىللەر ئۆمىكى يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ سۇنغان:
«دۆلەت، شىنجاڭ، باج ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، باج ئېلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، يەرلىكنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئۆز ئالدىغا چارلاپ ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىشتا شىنجاڭدىكى خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزسە، كۆمۈر بايلىقى باج ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، باج ئېلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، بايلىق چىققان جايدا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىلسا.»
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايون ۋەكىللىرى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، رايوننىڭ قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يۆلەش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق تەكلىپ- تەۋسىيەلەرنىمۇ سۇنغان. ئۇلار يەنە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ قانۇننى چىقارغاندا خىتاي ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ تەۋسىيە خىتاي ھەققىدە دېيىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ مىللىي ئىسيان ۋە قارشىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا خەلقئارا قانۇنلا ئەمەس، ئۆز دۆلەت قانۇنلىرىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
يىغىن داۋامىدا تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئادىللىق جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئۇ بۇنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن ئەمەس، بەلكى ھاياجان بىلەن گەپ قىستۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە تەيىنلەنگەن ۋەكىل دىلنار ئابدۇللامۇ رايوندىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما تۇڭگان ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ۋەكىل ما يىنۋېن شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلەشكەن چېغىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي بېسىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىق شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە رايوندىكى دىنىي چەكلىمىلەرنى ئاساسلىق سەۋەب دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ چەكلىمىلەرنى مىللەتلەر ئارا زىددىيەت تېرىش دەپ ئەيىبلىگەن. فېيسبوكتىكى بۇ ھەقتە يېزىلغان غەيرىي رەسمىي خەۋەردە، شى جىنپىڭ تۇڭگان ۋەكىلنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە پات ئارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئىككى يىغىن ھەققىدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن دىققەت تارتقان بىر كۆرۈنۈش، بىر تۇڭگان ۋەكىلنىڭ تەزىيە سېپىگە قېتىلماسلىقىدۇر. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى يىغىن باشلانغان مەزگىلدە پۈتۈن يىغىن ۋەكىللىرى كۇنمىڭدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ ئۆرە سۈكۈتتە تۇرۇشقا چاقىرىلغان. رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن زالىدىكى مىڭلارچە ۋەكىلنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇتۇپ تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان شۇ پەيتتە، بېشىغا ئاق دوپپا كىيگەن بىر تۇڭگان ۋەكىل ئورنىدىن تۇرمىغان؛ بۇ كۆرۈنۈش ۋەزىيەتنى ئىنچىكە كۆزىتىۋاتقان تورداشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان؛ شۇڭا بەزىلەر ئىنكاس يېزىپ، تۇڭگان ۋەكىلنىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ مەيدان ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرسە، بەزىلەر ئۇنىڭ ئەسلىدە مېيىپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ئورنىدىن تۇرالمىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقان.