خىتاي ئۆكتىچى ۋۇ خوڭدا: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ بىرگە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.05.30
xitay-herbiy-urumchi-kocha-charlash-305.jpg شەھەر كوچىلىرىدا چارلاپ يۈرگەن قوراللىق كۈچلەر. 2010-يىلى 5-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» توغرىلىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، مىللىي زىددىيەتكە پېتىپ قالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىڭتۇەننىڭ كۈچەيتىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىش سىياسىتى، رايوندىكى ئىختىلاپنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق بىڭتۇەننىڭ ئۆزى رايوندىكى ئەڭ زور مۇقىمسىزلىق ئامىلىغا ئايلانغان.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل 23‏- ئاپرېل قەشقەردە ساقچىلار بىلەن ئاتالمىش بۆلگۈنچى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن توقۇنۇش، 2009 ‏- يىلى ئۈرۈمچىدە 200 دەك ئادەم ئۆلگەن مىللىي توقۇنۇشلار مىللىي بۆلۈنۈشنى كۈچەيتىپلا قالماي، خىتاي كۆچمەن نۇقتىلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىشى، خىتاي-ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل بۆلۈنۈشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ كەلگەن.

ماقالىدا رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ قانچىلىك ئېغىر ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە مىسال قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 2004‏- يىلى خوتەن شەھىرى ئەتراپىغا قۇرغان 224‏- پولكى، 2010‏- يىلى يەنە شۇ خوتەنگە قۇرغان 38 پولكىنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتكەن.

بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ، دوختۇرخانا، گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ سوت، ساقچى، تۈرمە قاتارلىق ئورگانلارنى ۋە 120 مىڭ كىشىلىك خەلق ئەسكەرلەر قوشۇنىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بىڭتۇەن ئىگىلەپ ياتقان زېمىن تەيۋەننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتىنىڭ 6 دەن بىر قىسمىنى، پاختىنىڭ 40% نى، دۇنيا پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ 17% نى بىڭتۇەن ئىگىلەيدىغانلىقى، بىڭتۇەننىڭ يەنە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شاراب ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بىراق، ماقالىدا بۇ خىل قۇدرەتلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن ئاز ئورۇن بېرىلگەن، ئىقتىسادىي كۈچلۈك، سىياسىي ئاپتونومىيىگە ئىگە بۇ خىل زور گەۋدىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا نارازى. مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن يەنە بىر ئامىل شۇكى، بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلۇقى شىنجاڭدا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ قارىلىشى. بىڭتۇەننىڭ پارتىيە ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قېلىشىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن.

يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل كەسكىن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 1962‏- يىلى ئىلى « 29‏- ماي ۋەقەسى» نى، 1990‏- يىلى «بارىن ۋەقەسى» ۋە 1997‏- يىلى غۇلجا «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» باستۇرۇشتا بىڭتۇەن قوراللىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى زات خاررىي ۋۇ ئەپەندى، بىڭتۇەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ زور مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەن مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ.

ئۇ: تەبىئىيكى، خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. خەنزۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلماي، ئېزىپ، باستۇرۇپ كەلدى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەرنى يىغىپ كېلىپ بىڭتۇەن قۇرغان. بىڭتۇەندىكى بۇ كىشىلەرنى شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنى تۇرغۇزۇشنى خەتەرلىك، دەپ قارايتتى. ئۇلارنى شىنجاڭغا ئاپىرىپ، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتلىك ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇيغۇرلار چىقىپ قارشىلىق قىلسا، قوراللىنىپ ئۇلارنى باستۇرىدىغان كۈچكە ئايلاندى. مانا بۇ بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپىسى. بىڭتۇەننىڭ ئۆزى قانۇنسىز بىر ئورۇن. شۇڭا بىڭتۇەندىكى ئاھالە بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ياراشتۇرۇشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ، خەنزۇلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆزى مۇستەقىل باشقۇرۇش. ئۇ يەر خەنزۇلارنىڭ يېرى ئەمەس، خەنزۇلار بارماسلىقى كېرەك. چۈنكى چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرگە، ئۆزئارا ئىناق ياشاش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس. ئېھتىمال بەزى كونكرېت شەخسلەر ئۆزئارا ئالاقە قىلىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئومۇمى ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىشىچە، بىڭتۇەن كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىتاي ئاۋام خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا قايىل قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. ماقالىدا شىخەنزىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق مۇزېيدا بىڭتۇەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 1990‏- يىلى بارىندا پارتلىغان قوزغىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىدىكى رەسىملەر كۆرگەزمىگە قويۇلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئىسياننى باستۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بىڭتۇەننىڭ ھەربىي بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، بىڭتۇەن تيەنيى شىركىتى دىرېكتورىنىڭ 2010‏- يىلى شاڭخەي «شەرق ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە ئېلان قىلغان سۆزىنى نەقىل قىلىپ كۆرسەتكەن. شاڭخەي «شەرق ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تىيەنيى گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى بىر زىيارەتچىگە ماختىنىپ: مېنىڭ قولۇمدا ئون نەچچە تال ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە بىر توپچىلار ئەترىتى بار. سېنىڭ قولۇڭدا نېمە بار، دېگەن.

ماقالىدا يەنە، 1991‏- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي يېڭى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللىشى، رادىكال ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنغان تارقىلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەندىشە بىڭتۇەن دائىرىلىرىنى خۇشال قىلغان. ماقالىدا، سابىق بىڭتۇەن قوماندانى جاڭ چىڭلىنىڭ 2004‏- يىلى قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ: شىنجاڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك غوۋغا چىقىرىپلا تۇرىدىكەن، بىڭتۇەن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خاررىي ۋۇ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇقىملىقنى ساقلاش، دەپ جار سالسىمۇ، بىراق بىڭتۇەننىڭ ئۆزى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. ئۇ، بېيجىڭنىڭ بىڭتۇەنگە بولغان كونتروللۇقى بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خاررىي ۋۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئامىل مەۋجۇت. بىراق بۇ نوقۇل بىڭتۇەندىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ مەۋجۇت. يۈننەن، گەنسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت ئەھۋال. كىشىلەرنى سىناپ سوراپ باقسىڭىز نۇرغۇن ئادەم كومپارتىيىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى دەيدۇ. بىر كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقى ناھايىتى روشەن. بىڭتۇەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇنىڭدا چوقۇم بىر كۈنى ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھازىر بىڭتۇەننى مەركەز كونترول قىلىپ تۇرغان بىلەن، بىر كۈنى مەركىزى ھۆكۈمەت غۇلاپ چۈشسە، بىڭتۇەندە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى تەڭرى بىلىدۇ. ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى ئاجىزلاۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ھەرگىز ماۋ زېدۇڭنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو كومپارتىيىسى قەدەممۇ -قەدەم سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ يولىغا كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر جۇڭگودا سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئەھۋال يۈز بەرسە، بىڭتۇەن شىنجاڭدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا بىڭتۇەننى دەرھال ئىچكىرىگە كۆچۈرۈپ كېتىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇش لازىم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.