كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئالدىدا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر مەۋجۇت
2015.09.21
مەلۇمكى، يېقىندا تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، پايتەختتە قاتتىق بىخەتەرلىك چارىلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ چارىلەر يېقىندا ئىسيان كۆتۈرگەن سابىق مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى گېنېرال ئابدۇخالىم نازارزودىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولدى. تاجىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گېنېرال نازارزودا تەرەپدارلىرى ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەچچە كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. شۇنداقتىمۇ تاجىكىستان رەھبەرلىكى بەلگىلەنگەن كۈنى ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزگەن. تەشكىلاتنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىلىشى ئۇنىڭ ئالدىدا كۆپلىگەن ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ئاشكارا قىلدى.
قازاقىستاننىڭ «24 ئۆز» ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۈشەنبىدە مۇھاكىمە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىنچى قاتارىدا تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش تېمىسى تۇرغان بولۇپ، ھازىر بولۇپمۇ تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىدا ۋەزىيەت خېلى كەسكىنلەشكەن. قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف ھەر قانداق بىر خەۋپكە زەربە بېرىشكە دائىم تەييار بولۇش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى تاجىكىستانغا باش خەۋپنىڭ نازارزودا ئوخشاش ئىسىيانكارلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى قوشنا ئافغانىستاندىن، يەنى بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيە تېررورلۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ن. نازاربايېف شۇنداقلا ئافغانىستان تېررورلۇقنىڭ تارقىلىشى بىلەن كۈرىشىشتە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقتىن بۇ قوشنا دۆلەتكە ياردەم بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھەمدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى دائىرىسىدە بىرلەشكەن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بىز كابۇلغا ھەر يىلى ئوزۇق-تۈلۈك، يېقىلغۇ، دورا-دەرمەك يەتكۈزۈپ، شۇنداقلا ئافغان ياشلىرىنى قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇتۇپ، تېخنىكىلىق ۋە گۇمانىتارلىق ياردەم كۆرسىتىشنى داۋاملاشۇرۇۋاتىمىز. رايوندىكى ئەھۋال ئادەتتىكىدەك ئەمەس، قوشنا ئافغانىستاندا تېررورلۇق گۇرۇپپا كۈچەيمەكتە. تەشكىلاتنىڭ كوللېكتىپ كۈچلىرىدىن يۇقىرى دەرىجىدە جەڭگىۋارلىق تەلەپ قىلىنماقتا.»
رۇسىيەنىڭ «1-كانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىراق ۋە سۈرىيە ئىسلام مەملىكىتىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىشتا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىش تەكلىپىنى بېرىپ، سۈرىيە دائىرىلىرى ئىسلام مەملىكىتى بىلەن بولغان كۈرەشكە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى جەلپ قىلالىغان ھالەتتىلا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەردىن بولۇپمۇ تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستانغا كۆپرەك خەۋپ تۇغۇلۇۋاتقانلىقتىن، ئۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. رۇسىيەنىڭ «ھەربىي سىياسىي ئانالىتىكا» ژۇرنالىدا ئېلان قىلىنغان «دۈشەنبىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئۇچرىشىشى- مەركىزىي ئاسىيادا مۇقىملىقنى مۇستەھكەملەشكە قەدەم» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا يۈز بەرگەن ئىچكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەشكىلات كۈچلىرىنىڭ پايدىلىنىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ: «قىرغىز خەلقى ئۆزى ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ۋە ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. بۇ يېقىندا قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن تاجىكىستانغىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر....ئامما، شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، تەشكىلاتنىڭ باشقىمۇ ئەزالىرى، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچى مەملىكىتى بولغان رۇسىيە ئۈچۈن، ئىچكى تاجىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇستەقىل مەملىكەت سۈپىتىدە تاجىكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىنغىنى ئەۋزەلدۇر. بولمىسا ‹رۇسىيە باسقۇنچىلىقى›، ‹مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش› ھەققىدە يامان نىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.»
ئەمدى ئانالىزچى ئالېكساندىر كنيازېف ئۆزىنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا» دا بېرىلگەن «تاجىكىستان يېڭى پۇقرالار ئۇرۇشىغا كېتىپ بارماقتا» ناملىق ماقالىدە، دۈشەنبىدە بولغان ئۇچرىشىشتا تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەردىكى ئىچكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، كۆپىنچە سۈرىيە ھەققىدە، ئۆزىنى ئىسلام مەملىكىتى دەپ ئاتىغان تېررورلۇق گۇرۇپپا بىلەن كۈرەش قىلىش، تەشكىلات ئورگانلىرىدىكى كادر مەسىلىسى ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭ پىكرىچە، تەشكىلات ئۆزىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كوللېكتىپ تېز ھەرىكەت قىلىش كۈچلىرىنى جەلپ قىلغان ھالدا، ھەربىي مېتوتلاردىن پايدىلىنىش بىلەن كۈچەيتمەكچى ئىكەن. خەلقئارا ھوقۇق قانۇنلىرى بويىچە تەشكىلات دائىرىسىدە ئۇنىڭ بارلىق ئەزالىرى كوللېكتىپ تېز ھەرىكەت قىلىش كۈچلىرىنى قوللىنىش توغرىلىق ھۆججەت قوبۇل قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئۇنى شۇ مەملىكەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەستىقلىشى ھاجەت. ماقالە ئاپتورى بۇ مەسىلىنىڭ بىر نەچچە يىل مابەينىدە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئامما ئېنىق بىر نەتىجىگە كېلەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئانالىزچى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ھەر خىللىقى، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئا ق ش ۋە غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى، ھەر بىر تەشكىلات ئەزاسىنىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەقىل ھالدا ئېلىپ بېرىش ۋە رۇسىيەنىڭ كىم بىلەن بولمىسۇن ئۆز - ئارا توقۇنۇشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنىڭ بارلىقىنى ھەل قىلىش تەشكىلات ئۈچۈن چوڭ مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف، ئىسلام مەملىكىتى ھەم تالىبان تەرىپىدىن مەركىزىي ئاسىياغا، بولۇپمۇ تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ھەم قىرغىزىستانغا خەۋپنىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى بۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ھەقىقەتەن قوغداپ قالالايدىغان كۈچتۇر. بىرلا ئېيتىپ كېتىدىغان نەرسە شۇكى، تەشكىلات مەملىكەتلەردىكى ئىچكى سىياسىي ۋەقەلەرگە قاتناشماسلىقى لازىم. لېكىن بىر يامان ئەھۋال مەۋجۈتكى، رۇسىيە ئۆزى گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئىمپېرىيەلىك مەملىكەت رولىدا ئويناشقا مەجبۇر بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا ھەم ئۆزىنىڭ، ھەم باشقىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تۇتۇپ قالماقتا. ئەڭ ئاساسىي نەرسە تەشكىلات سىياسىي ئەھۋاللارغا ئارىلىشىپ قالماسلىقى كېرەك.»